شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى 2014-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈچ ئۈستەل يۈزى ئارقىلىق پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىزدىنىشنى نامايان قىلدى: يېزىل رەڭلىك ئۈسەل يۈزىگە ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكى چەڭ قويۇلغان تەدبىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك 186 پارچە ھۆججەت، كۆك رەڭلىك ئۈستەل يۈزىگە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى 151 پارچە ھۆججەت، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئۈستەل يۈزىگە ھازىرغا قالدۇرۇلغان 35 پارچە ھۆججەت قويۇلغانىدى. زۇڭلى يېرىمىدىن ئارتۇقراقى بوش قالغان قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئۈستەلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: پاسسىپ تىزىملىكنى داۋاملىق قىسقارتىپ، بازارغا يەنىمۇ چوڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرەيلى!
دۇنياغا داڭلىق تېز يەتكۈزۈش شىركىتى−ليەنباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى شى ۋېيدې جۇڭگو زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ جۇڭگو بازارنى يەنىمۇ كەڭ ۋە تەرتىپلىك ئېچىپ، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە يەنىمۇ ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار شەكىللەندۈرىدۇ، دېگەن ۋەدىسىگە ئېرىشتى.
ئەلۋەتتە، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە لى كېچىياڭنىڭ جۇڭگو بىلەن تەڭ قەدەمدە رىقابەتلىشىشتىن ئىبارەت پىسخىكا تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دېگەن سەمىمىي ئەسكەرتىشىنى قوبۇل قىلدى.
بۇ 2014-يىل 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا يۈز بەرگەن بىر كۆرۈنۈش.
يېرىم يىلدىن كېيىن، زۇڭلى لىكېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا، دۆلەت ئىچىدىكى پوسۇلكا تېزى يەتكۈزۈش بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش، ئىجازەت شەرتىگە ماس كېلىدىغان چەت ئەل مەبلەغ سالغان تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىغا تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن كەسىپ دائىرىسى ۋە تىجارەت ئورنى بويىچە تىجارەت ئىجازەتنامىسى تارقىتىش قارار قىلىندى.
لى كېچياڭ ئېنىق قىلىپ: «ئىچكى بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، دۆلەتىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنى بىر سەھنىدە رىقابەتلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى كارىانىلارنى تىقارەت باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشىلاش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، ئىستېمالچىلارنى يەنىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى.
ئىلگىرىكى گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا بۇنداق ئەھۋال ئاز كۆرۈلىدۇ. ھازىرغا قەدەر، ئاز دېگەندىمۇ 13 تېما «ئېچىۋېتىش»كە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتقا ئوخشاش بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى. دائىمىي يىغىن ئېچىلىدىغان گوۋۇيۈەننىڭ 1-يىغىن زالى دۇنياغا كەڭ ئېچىۋېتىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى