باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر تارقىتىلدى

2015.08.12 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا، «شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى تارقىتىپ شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال يول قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  « يېتەكچى پىكىر» دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى ، شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر خىل شەھەر مەمۇرىي باشقۇرۇش لىنىيە پىلانىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، باشقۇرۇش ۋە قۇرۇپ، يوللارنى تەكرار كولاش، ئۈستىدىن ھەر خىل سىملارنى ئۆتكۈزۈش، سىم لىنىيەسىدە پات پات ۋەقە يۈز بېرىپ تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەھەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش، شەھەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدارلىقى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە شەھەر بازارلىشىشنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، جامائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ كاپىتال سېلىنمىسىغا تۈرتكە بۇلۇپ ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يارىتىشقا پايدىلىق.

  تۈركۈم يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال يوللىرى قۇرۇپ چېقىلىپ ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يوللارنى تەكرار كولاشتەك« تاش يول زەنجىرى» مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنىپ، يول لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئاساسلىق يوللاردىكى ئۆمۈچۈك تورى شەكىللىك بوشلۇققا تارتىلغان سىملار تەدرىجىي تۈگۈتۈلۈپ، شەھەرنىڭ يەر يۈزى مەنزىرىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر