باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى: جوڭگو ئاخبارات ۋاستىچىلىكى ئۇنۋېرسىتىتىدىكى يوقاپ كەتكەن قىزغا ساۋاقدىشى زورلۇق قىلىپ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن ئۆلتۈرۈلگەن

2015.08.12 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن جوڭگو ئاخبارات ۋاستىچىلىكى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى جوۋنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تارقالدى،بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىشىچە، 10-ئاۋغۇست كەچ سائەت 11ئەتراپىدا بېيجىڭ چاۋياڭ ساقچى تەرەپ جوڭگو ئاخبارات ۋاستىچىلىكى ئۇنۋېرسىتىتى قوغداش باشقارمىسىنىڭ جوڭگو ئاخبارات ۋاستىچىلىكى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى جوۋنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان دېلونى قۇبۇل قىلغان. ساقچى تەرەپ 11-ئاۋغۇست سەھەردە جىنايەت گۇماندارى لى(ئەر،23ياش، جوڭگو ئاخبارات ۋاستىچىلىكى ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىسى)نى قولغا ئالغان. سوراق قىلغاندا، جىنايەت گۇماندارى لى ئۆزىنىڭ جوۋغا زورلۇق قىلىپ ئەمەلگە ئاشماي ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

  بۇ دېلو تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر