2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا كۆرگەزمىسى كەسپىي تاماشىبىنلار سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن 30 مىڭغا يېقىن كەسپىي تاماشىبىننى كۈتۈۋالىدۇ. 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى 10-ئاۋغۇست ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسى ۋە شىنجاڭدىكى كارخانا بىرلەشمىلىرى(سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى)گە 3000 تال بېلەتنى ھەقسىز تارقاتتى.
2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا كۆرگەزمىسى 12-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 12-ئاۋغۇست كەسپىي تاماشىبىنلار كۈنى بولۇپ، ئۇلار كەسپىي تاماشىبىن كىنىشكىسى ئارقىلىق كۆرگەزمە مەيدانىغا كىرسە بولىدۇ. 13-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە ئادەتتىكى تاماشىبىنلار كۈنى بولۇپ، ئۇلار ئادەتتىكى تاماشىبىن كىنىشكىسى ئارقىلىق كۆرگەزمە مەيدانىغا كىرسە بولىدۇ، بېلەت ھەققى 50 يۈەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا كۆرگەزمىسى جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىلەن قوشماق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسى بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىرى ئىكەن. ئۇ توقۇمىچىلىق-كىيىم-كېچەك كەسپى كۆرگەزمىسى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى-يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئىككى ئاساسلىق كۆرگەزمە رايونى، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتاش، قول ھۈنەر نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كۆرگەزمىسى ۋە چەت ئەل نەپىس تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئۈچ قوشۇمچە كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنىدىكەن، ئومۇمىي كۆلىمى 42 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.