باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسى قۇرۈلۇپ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابىنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان بولدى

2015.07.30 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىزنىڭ سىياسەت، قانۇن-نىزاملارنى، ئىش بېجىرىش كۆرسەتمىسىنى چۈشەنگىڭىزبارمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابىڭىزنى تەكشۈرگىڭىز بارمۇ؟ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسى قۇرۈلدى، ئۈندىدارغا قوشۇلسىلا تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇرلىرىنى بىلگىلى بولىدىغان بولدى.

  29-ئىيۇل مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگەللىشىچە، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ، ئاممىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جامائەت مۇلازىمىتدىن بەھرىمان بولىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇرۇنقى«شىنجاڭ 12333» ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسى ئاساسىدا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېچىپ، بىردىنبىر ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسى«شىنجاڭ ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسىنى قۇرغان بولۇپ، 28-ئىيۇل رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق «شىنجاڭ ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسىغا قوشۇلغىلى بولىدۇ:

  1.ئۈندىدارنى ئېچىپ، سېكونتىرلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق «شىنجاڭ ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ كود نۇمۇرىنى سېكونتىرلاپ، بۇ ئۈندىدار سۇپىسىغا قوشۇلسا بولىدۇ.

  2.ئۈندىدارنىڭ ئالاقە خاتىرىسىنى ئېچىپ، ئوڭ ئۈستى بۇرجىكىدىكى‹+›نى بېسىپ، «دوست قوشۇش» تا ئۈندىدار نومۇرى « xj099112333»ئارقىلىق بۇ ئۈندىدار سۇپىسىغا قوشۇلسا بولىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر