- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بان كىمون ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىي مەھەللىسى سېلىش پىلانىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى
2015.07.30 14:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 29-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ كۈنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىي مەھەللىسى بايتېئالېغا يېڭىدىن 300 يۈرۈش ئۆي سېلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كىمون: ئولتۇراق نۇقتا سېلىش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، بۇ تىنچلىققا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى قوللاش تەشەببۇسى بىلەن سىغىشالمايدۇ دەپ تەكىتلىدى. ئۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق ۋە ئاخىرقى ئورۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق قارارلارنى بىكار قىلىش ۋە توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر