خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان خەۋىرى) يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىكى 2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپلىرى ۋە سىناق نۇقتا ناھىيەسى (رايونى) تاللاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە 8651مەكتەپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى 335ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى؛ 39 ناھىيە (رايون) مەملىكەت بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى سىناق نۇقتا ناھىيەسى (رايونى) قىلىپ بەلگىلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن غۇلجا شەھىرى بىلەن شىخەنزە شەھىرى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى