باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن يۈ يۈنياۋ بىلەن كۆرۈشتى

2015.07.29 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 27 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈنياۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. يۈ يۈنياۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭغا مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ «يېڭى ۋەزىيەتتە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش» مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىش ھەم شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كادىرلارنى ئىلمىي تاللاپ ئىشقا قويۇشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچنى زىيان تارتقۇزماسلىق»تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك «تۆتتە كۈچلۈك» كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ھەر مىللەتتىن بولغان ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچى، ئىجرا كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇردى؛ ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، بۇلتۇردىن باشلاپ 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىدىغان «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جەمئىيەت باشلىقى يۈ يۈنياۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولغان ياردىمى ھەم قوللىشى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر پۇختا نەزەرىيە ئاساسىغا ۋە مول ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يۈ يۈنياۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە نۇرغۇن نەتىجىگە ئېرىشىپ، قىسمەن تەجرىبىلەرنى توپلىدى. مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتى بۇ قېتىم شىنجاڭدا يىغىن ئېچىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە ۋە تەتقىق قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بېيىتىپ، جايلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خەن يۇڭ، ما شۆجۈن، مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتى رەھبەرلىرىدىن جاڭ بولىن، گاۋ شىچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر