باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن(6)

2015.05.28 10:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى




بېشىمدىن بىر قارا تۈتۈن ئۆرلىگەندەك تولغىنىپ كەتتىم. ئۇنىڭ گەپلىرى راست ئىدى. بىر ئايدىن بۇيان دېمەكچىمۇ بەرنادا خېلىلا ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئالدى بىلەن ھەر شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنى ماڭا دىدارىنى كۆرسەتمەس بولۇۋالدى. ئاندىن تويغا ماڭىمۇ دېمەي يالغۇز بېرىپ كەلدى. كېيىن بالا باققۇچى قىز ئىزدەپ كەلدىم دەپ ساق بىر كۈن يوقالدى. يەنە تېخى ئۈلۈشكۈنلا ئۇلار بىر ئاشخانىدا بىرگە تاماق يېدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پاكىت ئىدى. بەلكىم بۈگۈنكى ھەربىيلەردىن ھال سورىشىمۇ بىر يالغانچىلىقتۇر. بىردىن يېڭىلا ئىچكەن بىر رومكا ھاراق تەسىر قىلغاندەك ئىچىم قىزىپ ئولتۇرالماي قالدىم. ئۇ نېمىشقا مېنى ئالدايدىغاندۇ؟ ئەسلىدىنلا يالغانچى، كاززاپ نېمىكەندە ئۇ. ئۆزىنىڭ سېسىق تارىخىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن مەندەك بىر گالۋاڭنى ئالداپ موككىدىلا تېگىۋېلىپ يەنە ئۆزىنىڭ سېسىقچىلىقىنى قىلىپ يۈرمەكچىكەندە. ھەي ئەقلى كالتە پاسكىنا. مەن ئۇنىڭ شۇنچە رەسۋاچىلىقىنى كەچۈرۈپ، ياخشى كۆرۈپ ئەمرىمگە ئالاي دېگەندىن كېيىن كۆتىنى قىسىپ ئۆزى ھازىر رولغا چىققان شۇنداق سەمىمىي، ساپ نىيەت، ۋاپادار قىز بولسا بولمامدۇ؟
-بولدى ئاداش ئويلىما، ئەلچەڭنى ئەۋەتمەي تۇرۇپ ئوبدانراق سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن توي قىلساڭمۇ كېچىكمەيسەنغۇ. خوشە، ئىچىۋەتتىم.
پۇرقەت «تاز»نىڭ گېپى بىلەن ئۆزۈمنى شۇنداق تۇتۇۋالغۇم كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا خىيالىم بايىقىدەك گادىرماچ ئىدى. پۇرقەت «تاز» رومكىغا ھاراقنى قۇيۇپ ئالدىمغا قويۇپ قويدى. رومكىنى ئېلىپلا توختاتماي ئىچىۋەتتىم. بەرناغا نېمە قىلدىم زادى؟ ئۇنى كەچۈرۈپ پۈتۈن مېھرىم بىلەن ئۇنى سۆيدۈم. ئاشۇ سېسىق كاللىسىدا مېنىڭ قەلبىمنى ئويلاپ يېتەلىگەن بولسا قانچىلىك بەختكە ئېرىشكەن بولارىدى-ھە! بۇ يەردە چوقۇم بىر ئۇقۇشماسلىق بار. مەن دەرھال يەنە ئۆزۈمنى شۇنداق بەزلىدىم، بەلكىم ئۇ گۇناھسىزدۇر. ئىپپىتىنى يوقاتقان قايسى بىر قىز بۇنداق بەختنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ؟ بۇنى چوقۇم ئېنىقلاش كېرەك. قانداق ئېنىقلايمەن؟ ئەگەر راستىنلا پۇرقەت دېگەندەك بولۇپ قالسىچۇ؟ ئاناڭنى، ساڭا قىز كەممىدى، دۇنيادا تېخى قىز بالا دېگەن تۈگەپ كەتمىدىغۇ!
پۇرقەت «تاز»غا بىر رومكا ھاراق قۇيغۇزدۇم-دە، گەپمۇ قىلماي ئىچىۋېتىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ تالاغا ماڭدىم.
-نەگە ماڭدىڭۇي دومساراپ؟
پۇرقەت «تاز» ئالدىراپ ئالدىمنى توسىدى.
-بەرنانىڭ ئۆيىگە بارىمەن.
-بۇ كەچ بولغاندا ئۇنى قانداق چاقىرىسەن. ھە راست، سەن ئۇنى ھەربىيلەردىن ھال سورىغىلى كەتتى دەۋاتاتتىڭغۇ، تايىنلىق تۇرغاننىڭ ھالىنى سورىغىلى كەتتى. ئاۋارە بولما، بارساڭمۇ ھازىر ئۆيدە يوق، قويە بولدى.
-توسىما!-دېدىم ئۇنىڭغا ئاچچىق ھومىيىپ،-يوق بولسا مەھەللىسىدە ساقلاپ تۇرىمەن. ئۇ تاكى قايتىپ كەلگىچە ساقلاپ بۇ ئىشلارنىڭ ئېقىنى ئاق، قارىسىنى قارا قىلىمەن.
-ئۇنداقتا مەيلى،-دېدى ئۇ ئاستا قولۇمنى قويۇپ بېرىپ،-پەيلىڭ بەك يامان تۇرىدۇ ئاداش، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋېلىپ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن بىر ئىش قىلارسەن. ھە راست، يېنىمغا پۇل سېلىۋالماپتىمەن. ئاشخانىغا مېنى بۇنداق يالغۇز تاشلاپ قويساڭ بىر ئازدىن كېيىن خوجايىن كارنىيىمنى سىقمىسۇن يەنە.
ئۇ سەل خىجىل بولغاندەك ھىجىيىپ قويدى. ئۇنىڭغا قاراپ ئارتۇقچە گەپمۇ قىلماي ئاشخانىنىڭ ھېساباتىنى قىلىۋەتتىم-دە، ئوقتەك تالاغا يۈگۈردۈم. مەن راستىنلا بەرنانىڭ ئۆيىگە بارماقچى ئىدىم.
پۇرقەت «تاز» ئىككىمىز ئاشخانىغا كىرگەندە كۈن تېخى پاتمىغانىدى. تالاغا چىقسام كۆز باغلىنىپ قاپتۇ. ئىككىلىنىش، دەككە-دۈككە، ئەلەم بىلەن بەرنانىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ تېلېفون ئۇرۇپ باقتىم. تېلېفوننى ئاپىسى ئېلىپ ئۇنى يوق دېدى. تاكسىدىن بىرنى توسۇپ دەرھال بەرنالارنىڭ مەھەللىسىگە ماڭدىم. ئۇنى چوقۇم مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا توسۇپ تۇرۇپ ، ئۇ كەلگەندە پۈتۈن ئىشنى ئېنىقلىماقچى بولدۇم.
ماشىنا مېنى ھايال قالدۇرمايلا ئۇنىڭ مەھەللىسىگە يەتكۈزدى. ئۈچ كوچا دوقمۇشىدا چۈشۈپ قالدىم. بەرنانىڭ ئۆيى شىمال تەرەپكە قايرىلغان كوچىدىكى ئۈچىنچى قورۇ ئىدى. ئۈچ كوچا ئېغىزىدىكى بۈككىدە شاخلاپ كەتكەن يوغان سېدە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇردۇم. بۇ مەھەللىگە دەرەخ تولىمۇ قويۇق تىكىلگەنىدى. ئەگەر ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاچچىقتىن نېرى بولغىنىدا ئىدى، بۇ يەردىكى ئېرىق بويىدا سېدە دەرىخىگە يۆلىنىپ شۇنداق خىيال سۈرىدىغان بولسا، ئادەم بۇ يېشىللىق قوينىغا سىڭىپلا كېتەتتى. لېكىن بۇنداق خىيال قوچىقىغا بۆلۈنۈش بەختى بۈگۈن ماڭا نېسىب ئەمەس ئىدى. بەرنا بىلەن ئىككىمىز دائىم مۇشۇ سېدە دەرىخى تۈۋىدە سۆيۈشۈپ خوشلىشاتتۇق. ئۇ ئۆيدىكىلەر بىلىپ قالسا سەت بولىدۇ، دەپ مېنىڭ دەرۋازا ئالدىغىچە بېرىشىمغا قوشۇلمايتتى. لېكىن بۈگۈن ماڭا بۇ سېدە دەرىخىنىڭ تۈۋى شۇنداق مېھىرسىز، سوغ بىلىندى.
ئاي قاراڭغۇسىدا ھەممە يەر جىمجىت ئىدى. يولدىن ئاندا-ساندا ئۆتۈپ قالغان كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا كوچىدا مەندىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. چاقماقنىڭ يورۇقىدا سائىتىمگە قاراپ باقتىم. سائەت ئون بوپتۇ. لېكىن بەرنانىڭ تېخىچىلا قارىسى كۆرۈنمەيتتى. ھەرقانچە ھەربىيلەردىن ھال سورىغىلى كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇ بۇ چاغقىچە كېلىپ بولۇشى كېرەك ئىدى. پۇرقەت «تاز» دېگەندەك راستىنلا تۇرغان بىلەن كۆرۈشكىلى كەتكەن ئوخشايدۇ. ئۆزۈمنىڭ ئالدىنىپ مۇشۇنداق بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىمنى ئويلىساملا پۈتۈن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كېتەتتى. كاللام توختاپ قالغاندەك پىكرىمنى زادىلا بىر يەرگە يىغالمىدىم. تاماكىنى كۆپ چېكىۋەتكەچكىمۇ مەيدەم سانجىپ ئاغرىشقا باشلىدى. مەن زادى نېمە بولغان ئادەم؟ بۇنداق ۋىجدانسىزنى ساقلاپ بۇ يەردە نېمىشقا ئولتۇرىمەن، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچىمۇ-يا؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالمايمەن. پەقەت ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سېسىق قەلبىنى تونۇتۇپ، نەچچە ئايدىن بۇيان ئالدىنىپ يۈرگەن سەمىمىي مۇھەببىتىمگە شىپالىق بېرىمەن. ئۇنى تىللاپ- ئۇرغىنىم بىلەن ھەرگىزمۇ ئاچچىققا تولغان قارنىم بوشاپ قالمايدۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ ھەر ھالدا كۆڭلۈم تەسەللى تېپىپ قالىدۇ. ئۇ دېگەن بىر جالاپ، جالاپ بولغاندىمۇ ئەڭ رەزىل، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى- بەشىرىسىنى ئاشكارىلىماي دۇنيانى بۇلغايدىغان جالاپ. شۇنداق بىر پاسكىنىغا نېمانچە قىلىپ كېتىمەن ئەمدى.
سائەت 12گە ئاز قالدى. ئۇنىڭ تۇرغان بىلەن بىرگە كەتكەنلىكى ئەمدى مۇقىم بولدى. ناۋادا ئۇ راستىنلا ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن ھەربىيلەردىن ھال سورىغىلى كەتكەن بولسىچۇ؟ ئۇنى ئىچىمدە شۇنداق تىللاۋاتقان، نەپرەتلىنىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇراتتى. ئۇنى زادىلا قويۇپ بەرگۈسى كەلمەيتتى. ئۇنىڭ سەمىمىي، سادىقلىقىنى تىلەيتتى. پۇرقەت «تاز»نىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان بولۇپ چىقسا نېمە دېگەن ياخش بولاتتى-ھە! شۇ تاپتا ئۇنى ئىدارىسىدىكىلەر ماشىنىدا ئەكىلىپلا قويۇدىغان بولسا... تۇرۇپ يەنە شۇلارنى ئويلاپ قالدىم. توساتتىن يىراقتىن بىر كىچىك ماشىنىنىڭ چىراق نۇرى كۆرۈندى. ئۇ نۇر مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. چوقۇم بەرنانى ئىدارىسىدىكىلەر ئەكىلىپ قويغىلى كەلدى.
مەن ئاستا ئۆزۈمنى سېدە دەرىخىنىڭ دالدىسىغا ئالدىم. مېنى كەلگەنلەر ھەرگىزمۇ سېزىۋالالمايتتى. سېدە دەرىخىنىڭ يوغان گەۋدىسى ماشىنىنىڭ چىراغ نۇرىنىمۇ توسۇۋالالايتتى. كەلگىنى بىر سانتانا ئىدى. ئۇ مەن تۇرغان سېدە دەرىخىدىن بەش چامدامچە نېرىغا ئۆتۈپ توختىدى. بۇ ماشىنىنى تونۇپ يۈرىكىم «قارت»تىدە قىلىپ ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. بۇ بەرنانىڭ ئىدارىسىنىڭ ماشىنىسى ئەمەس، دەل مەن ھېلىقى «راھەت» ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا كۆرگەن تۇرغاننىڭ ماشىنىسى ئىدى. ماشىنا توختاپ ئىچىدىن ئاۋۋال بەرنا چۈشتى. ئۇنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم تېخىمۇ ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ماشىنىنىڭ ماتورىنى ئۆچۈرمەيلا تۇرغانمۇ چۈشتى. ئۇلارنى ماشىنا چىرىغىنىڭ نۇرىدا ئېنىق كۆرۈپ تۇردۇم.
-بولدى ئەمدى كېتىڭ،-دېدى بەرنا تۇرغاننىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئەركىلەپ،-يەكشەنبە ئەلچىلەر كېلىدۇ. ئەمدى تويغىچە كۆرۈشمەي تۇرايلى.
-بىردەم تۇرايلى،-دېدى تۇرغان،-قانمىدىم دەيمەن ساڭا، ياتاقتا يەنە ئازراق ئولتۇرىدىغان گەپكەن.
-قېلىن...
-ئىچكىرىگە بىر كىرىپ چىققىنىمغا بۇنچىلىك سېغىنىپ كېتىدىغانلىقىڭنى ئويلىماپتىمەن جۇمۇ. بولدى، تويۇڭغا ئالامەت بىر سوۋغا تەييارلاپ قويىمەن.
-نېمە سوۋغا بېرىسىز؟
-شۇ چاغدا كۆرمەمسەن.
-يولدىشىمنىڭ ئالدىدا بەرسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ.
- ئۇ گالۋاڭ بىر نېمەڭنىڭ ئالدىدىمۇ بېرەمدۇ، ئالدى بىلەن تويۇڭنى قىل.
سېدە دەرىخىنىڭ كەينىدىن چىقىپلا ئۇلارنىڭ كارنىيىغا ئېسىلغۇم كەلدى. لېكىن دەرھال ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن شۇ تاپتا بەرنانىڭ ھەقىقىي ئەپتىنى كۆرۈۋاتاتتىم. بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى. ئەمدى بۇنداق نېمىلەرگە ئۆزۈمنى ئۇپرىتىپ نېمە قىلاي. قېنى ئۇلار يەنە نېمىلەرنى دەيدىكىن، ئۇلارنىڭ گېپىگە يەنە قۇلاق سالدىم.
-ئەمدى ئۆيگە كىرىپ كېتەي،-دېدى بەرنا تۇرغاننىڭ مەڭزىگە سويۈپ قويۇپ،- ۋىيەي، چېچىم تېخى قۇرۇماپتۇ. غىپپىدىلا ھوجرامغا كىرىۋالمىسام ئاپام تۇيۇپ قالىدۇ.
-بوپتۇ، يېقىندا خاتىرجەم بولغان بىر كۈنلىرىڭ ماڭا تېلېفون قىلارسەن. ئېسىڭدە بولسۇن، سېغىنىپ قالسام سېنىڭ چىقمايمەن دېگىنىڭگىمۇ قويمايمەن.
تۇرغان شۇنداق دېدى-دە، بەرنانى ئالدىغا چىڭ تارتىپ شالاپشىتىپ سۆيۈپ كەتتى. ئۇلارغا شۇنداق ئۆچلىكىم كەلدى. لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ سېدە دەرىخىنىڭ كەينىدىن چىقمىدىم. بىر ھازىدىن كېيىن بەرنا ماڭا قويغان تەلەپكە ئوخشاش تۇرغانغىمۇ شۇنداق تەلەپنى قويۇپ، ئۇنى ئىشكى ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويۇشقا ئۇنىماي ئۆزى يالغۇز كوچا ئىچىگە كىرىپ كەتتى. تۇرغانمۇ ئۇنىڭ قارىسى يىتىپ ھايال بولمايلا بۇ يەردىن ئايرىلدى. شۇ چاغدىلا سېدە دەرىخىنىڭ كەينىدىن ئاستا چىقتىم. ئەمدى بۇ يەر ماڭا مەڭگۈلۈك تارىخقا ئايلىنىپ قالغانىدى. قاتتىق پەرىشان بولۇۋاتامدىم، غەزەبلىنىۋاتامدىم ياكى خۇشال بولۇۋاتامدىم ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. خۇماگۇدۇڭ ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. ئەمما ئۇ كۈنى بىر كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. ئەتىسى ئەتىگەن ئاپامغا بەرنا بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىمنى، ئەمدى توي قىلمايدىغانلىقىمنى، يەكشەنبە كۈنى ئەلچىلەرنى ئەۋەتمەسلىكنى ئېيتىپ قويۇپ خامۇش ھالەتتە ئىشقا كەتتىم.
تۈنۈگۈن كېلىشكىنىمىز بويىچە ئەسلى بۈگۈن كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بەرنا بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم. تەبىئىي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارمىدىم. ئەمدى ئۇنى ئىزدەشنىڭمۇ ئورنى قالمىغانىدى. بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئۆيگە كېتىپ بارسام ئۇ خۇددى بىرنېمىنى تۇيغاندەك ئۆزى ماڭا چاقىرغۇ قىلىپتۇ. باشتا تېلېفوننى قايتۇرماي دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما تېلېفوننى قايتۇرۇپ ئارىمىزدىكى ئىشنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەيلا ئوچۇق قىلىۋېتىشنى توغرا كۆرۈپ قالدىم. تېلېفوندىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى زىل، ئەركىلىگەن ئاۋازى كەلدى.
-جېنىم، بۈگۈن كۆرۈشىمىز دېگەنتۇق، ئىدارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساقلاپ تۇرماپسىزغۇ، ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ يا؟
-ياق ئۇنتۇمۇدۇم.
-ئۇنداقتا نېمىشقا كەلمىدىڭىز؟ ئاپامغا يەكشەنبە كۈنى ئەلچىلەر كېلىدۇ دەپ ئېيتىپ قويدۇم. ئۇلار تەييارلىق قىلىپ قويىدىغان بولدى. قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دەپ بېرەيچۇ، سىز ھازىر قەيەردە؟
-ۋۇ پاسكىنا جالاپ، ئەمدى بۇ گەپلىرىڭنى تۇرغانغا دەۋال.ئاشۇنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ شۇنىڭغا تەگ. يەنە دوپپامغا جىگدە سالاي دەمسەن سېسىق! ئىككىنچى سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق، ئەمدى تۇرغان بىلەن چېچىڭنى نەمدەپ يۈرۈۋەر!
تېلېفوننى جاققىدە قويۇۋەتتىم. قارا، شۇنىڭ بىلەن يېرىم يىل كۆيۈپ-پىشىپ ئۆتكەن كۈنلىرىم بەكلا كۆڭۈلسىز ئاياغلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل قىزلارغا شۇنچىلىك ئۆچ بولدۇمكى، توي قىلىش دېگەن كاللامغا كىرمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەممازە ئاپام يەنە بېشىمنى ئاغرىتىپ قويمىدى. ئادەم دېگەن ئۆزگىرىدىكەن. ۋاقىت قەلبنىڭ ئەڭ ياخشى مەلھىمى دەپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. لېكىنزە قىزلارغا يەنىلا تازا ئىشىنىپ كېتەلمەيمەن. ئاپاممۇ دۇنيادا ياخشى قىز دېگەن تولا دەپ بېشىمنى قاغا چوقىلىغاندەك چوقۇلاپ ھېچ تۇرمايدۇ.
-ئۇلارمۇ كۆزىنىڭ ئوچۇقىدا سېنى ئۆيلەپ خاتىرجەم بولايلى دەيدۇ-دە،-دېدىم مەن. بوتۇلكىدىكى ھاراقمۇ ئاخىرلىشىپ قالغانىدى. قاۋاق خوجايىنىمۇ كەچ بولۇپ كەتتى، بولدى قىلىڭلار، دېگەندەك بىزگە قاراپ-قاراپ قويۇشقا باشلىدى.
-بۇنى چۈشىنىمەن، لېكىن،-قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلىنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى،-مېنى توي قىلغۇسى يوق دەمسەن. مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن، ئەمما ھازىرقى جەمئىيەتتە، ھەي...
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ئاداش، سەن بىلمەيسەن، جاھان تېخى سەن دېگەندەك ئۇنداق ئەسكىلىشىپ كەتمىدى، ياخشى قىزلارمۇ كۆپ.
ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى يۆلىشىپ قاۋاقتىن چىقتۇق.
-شۇ قىزلار قېنى!
قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلىنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي دېسەم ئۇنىمىدى. بايقۇش بۈگۈن ماڭا كۆڭلىنى خېلىلا تۆكۈۋالدى. ئىچىمۇ بوشاپ قالغاندۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ جۇمۇ. ئۇنى كىرا ماشىنىسىغا سېلىپ قويۇپ ئۆزۈممۇ ئۆيگە قايتتىم.
بۇ گەپلەر مۇشۇ يەردىلا تۈگىسە بولاتتى. لېكىن تۈگىمەپتىكەن ئەمەسمۇ. كېيىنكى ئىشلارنى دەي دېسەم تىلىم كۆيۈدۇ، دېمەي دېسەم ۋىجدانىم. ئۇغۇ مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس، توسۇن ئاتتەك چاپچىپ كېتىپ بارغان جەمئىيەتتە كىممۇ سۇنىڭ ئېقىشىغا باقمايدۇ دەيسىز.
بۇ قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى بىلەن ئىككىمىز ئولتۇرۇپ ئالاھەزەل بىرەر ئايلاردىن كېيىن بولغان ئىش ئىدى.
ئۇ كۈنى ئىشتىن قايتىپ ئۆيدە تاماق يەپ ئولتۇرسام مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە چىقىپ ئوقەت قىلىۋاتقان خەمىت ماڭا تېلېفون قىلىپتۇ، ئۇ ئۈلۈشكۈن كەلگەنىكەن. بۈگۈن بالىلار بىلەن رېستۇرانغا يىغىلىشىپتۇ. خەمىت بىلەن كۆرۈشمىگىنىمگىمۇ يېرىم يىلچە بولۇپ قالغانىدى. تاماقنى يەپلا ئۇلار ئولتۇرغان رېستۇرانغا باردىم. رېستۇراندىكى كەڭرى خاس خانىدا خەمىت بىلەن تۆتەيلەنلا ئولتۇراتتى. خەمىتنى كۆرۈپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. قالغان بۇرادەرلەر بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇراتتىم.
-باشقا بۇرادەرلەر قېنى؟-سورىدىم مەن جايلىشىۋالغاندىن كېيىن.
-بۈگۈن ئۇلار يوق،-دېدى قاھار مەنىلىك قىلىپ كۈلۈپ.
بەشەيلەن بۇ خاس خانىغا چۆكۈپلا قالغانىدۇق. قاھارنىڭ گېپى ماڭا سەل غەلىتە تۇيۇلدى. خەمىت مىجەزىمنى بىلگەچكە ماڭا چۈشەندۈرگىلى تۇردى.
ئەسلى بۇرادەرلەرنى يىغىپ بىر ئولتۇرايلى دېگەن، لېكىن بۇ ئۈچ ئاداش ئۇلارنى ئەتە-ئۆگۈن يىغايلى، دەپ زادى ئۇنىمىدى. بۈگۈن رەڭلىك ئولتۇرايلى دەيدۇ جاپپار.
جاپپارغا قارىدىم. ئۇنىڭ «رەڭلىك» دېگىنى نېمىسى، ھېچ چۈشىنەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى.
-مانا دېمىدىممۇ خەمىت، بۇ يۇمشاق باش ئاغىنىمىز رەڭلىك دېگەننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىدى. ئىدارە بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقىدا قاتراپ، خوتۇنىنى كۈتۈپلا ئۆتسە بولدى بۇنىڭغا.
-شۇڭا بۈگۈن بۇ مۆمىننىڭ كۆزىنى ئېچىپ شوخلاشتۇرۇپ قويايلى، دەپ ئالايىتەن چاقىرىۋالدۇقتە.
-خەمىت، سىلەرغۇ چېگرا ئاتلاپ يۈرۈپ جىق جاھان كۆرۈپ كەتتىڭلا، ئەممازە، بىزنىڭ بۇ شەلەمۇ ئۇياقلاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ كەتتى جۇمۇ. پەقەت بىزنىڭ مۇشۇ ئاغىنىمىزلا خوتۇنىغا سادىق بولۇپ ئۇنداق ئويۇنلارنى بىلمەيدۇ.
كۆزۈمنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇپلا قالدىم. خەمىت ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، دولامغا ئاستا شاپىلاقلىدى. ئاڭغىچە بىز ئولتۇرغان خاس خانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئۆزىگە كېلىشتۇرۇپ گىرىم قىلىۋالغان چىرايلىق بىر قىز بېشىنى تىقىپ بىزگە قارىدى. بۇ قىزنى كۆرۈپ جاپپار دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-كېلە لالە، ئۆزۈڭ يالغۇز كەلگەن ئوخشىمامسەن؟
ئۇ قىزمۇ جاپپارنى كۆرۈپلا بىردىن ئېچىلىپ كەتتى.
-ۋىيەي، بۇ يەردىكەنسىلەرغۇ، تاپالمىغىلى تاس قاپتۇق. تۆت دوستۇڭنى دېۋىدىڭىز، بىرىنىمۇ كەم قىلماي بۇيرۇقىڭىزنى غاچچىدىلا ئورۇنداپ ئۇلارنىمۇ ئېلىپ كەلدىم،-ئۇ قىز شۇنداق دېدى-دە، ئىشىكنىڭ سىرتىغا قاراپ سۆزلىدى،-يۈرۈڭلار قىزلار، مۇشۇ خانىكەن.
-يارايسەن!
جاپپار ھاياجانلىنىپ ۋارقىرىۋەتتى.
ئىشىك ئېچىلىپ كەينى-كەينىدىن خاس خانىغا ھېلىقى قىزنى قوشقاندا تولۇق بەش قىز كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ياش-قۇرامى بىزدىن خېلىلا كىچىك بولۇپ، ئۆزلىرى بىر-بىرى بىلەن تەڭ قۇراملىق ئىدى. پۇزۇر كىيىنگەن، بىر-بىرىدىن چىرايلىق بۇ قىزلارغا قاراپ ئولتۇرۇپلا قالدىم.
-مانا ئاداش،-دېدى شۇ چاغدا جاپپار ماڭا كۆزلىرىنى ئوينىتىپ،- سورۇنىمىز مۇشۇ گۈزەللەر بىلەن رەڭلىك بولىدۇ.
ئەمدى چۈشەندىم، بىر ھېسابتا بۇنى بىلىپ قويغىنىممۇ ياخشى بولدى، دېدىم ئىچىمدە. قورۇمىلار بۇيرۇتۇلۇپ، ئىچىملىكلەر ئېلىپ كېلىندى. ئارىمىزدا جاپپار ھەممىدىن ھەييار بولغاچقا ئىچىملىكلەر ئىككى ئايلانمايلا سورۇندىكىلەرنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇپ، قىزلارنى بەشىمىزگە بۆلۈۋەتتى. ماڭا «بۆلۈنگەن» گۈلچىمەن ئىسىملىك قىز ئىدى. سالا-سالا بىلەن گۈلچىمەن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئىلگىرى بۇنداق رەڭلىك سورۇندا ئولتۇرۇپ باقمىغاچقا تازىمۇ قورۇندۇم. بىردەمدىلا سورۇندىكىلەرنىڭ چاقچىقىنىڭ دەسمايىسى بولۇپ قالدىم. كېيىن ھاراقنىڭ كەيپى بىلەن سورۇنغا ئۆزلىرىشىپلا كېتىپتىمەن. قىزلارمۇ قىزىل ھاراق بىلەن پېۋىنى ئارىلاشتۇرۇپ تازا ئىچتى.
سەھەر ئويغىنىپ ئۆزۈمنى ئۆيۈمدە ئەمەس، ئاللىقانداقتۇر بىر ياتاقتا كۆردۈم. يېنىمدا گۈلچىمەن ياتاتتى. ئېسىمگە سورۇندىكى چاقچاقلار، گۈلچىمەن بىلەن ئۇسسۇلنى تازا ئوينىغىنىم، كېيىن بالىلار بىلەن مۇشۇ مېھمانخانىغا كېلىپ ياتاق ئاچقىنىمىز كەلدى. گۈلچىمەن تېخىچىلا يېنىمدا بىخارامان ياتاتتى. ئاخشام بۇ ياتاققا كىرىپلا ئۇنىڭ بىلەن پومىداقلىشىپ كەتكىنىم يەنە غۇۋا ئېسىمدە تۇراتتى. ئورنۇمدىن تۇرغىنىمنى سېزىپ ئۇمۇ كۆزلىرىنى ئاچتى.
-تۇرۇۋاپسىزغۇ؟
-قايتايمىكىن.
-ئاخشام يېرىم كېچىدە، بولدى كېتىڭ، دېسەم ئۇنىمىدىڭىز، ئەمدى سەگىپ بېشىڭىزغا پىت چۈشۈپتۇ-دە، ھى،ھى،ھى...
ئۇ يەنە ماڭا ئەركىلىپ كۈلگىلى تۇردى. مەن گەپ قىلماي يۇيۇنغىلى مونچىغا كىرىپ كەتتىم. مونچىدىن چىقسام گۈلچىمەن تېخىچە يوتقاننىڭ ئىچىدە يېتىپتۇ.
-قوپمامسىز؟-دېدىم ئۇنىڭغا.
-ئالدىرىماي قايتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىيلەننىڭ بىللە ياتاقتىن چىققىنىمىزنى باشقىلار كۆرۈپ قالسا ئىككىلىمىزگە سەت.
ئۇنىڭ ئەقلىگە قايىل بولدۇم. ئالدىراپ كىيىملىرىمنى كىيدىم-دە، چاچلىرىمنى قۇرۇق لۆڭگە بىلەن قۇرۇتۇشقا باشلىدىم.
-مۇنداقلا تارىۋالسىڭىز ياز بولغاندىن كېيىن ئىدارىڭىزغا بارغىچە قۇرۇپ كېتىدۇ. ھە راست، ئاخشام دېگەن گەپلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز ھە؟ ئارىلىشىپ ئۆتەيلى، مەنمۇ سىزنىڭ مىجەزىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
-مەنمۇ شۇ،-دېدىم مەن يالغاندىن چاققانراق بۇ يەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن.
-ئاخشام تېلېفون نومۇرۇمنى دەپتىرىڭىزگە يېزىۋالدىڭىز، تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.
-چوقۇم تېلېفون قىلىمەن.
-ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە بولسۇن، شەنبە كۈنى ئىشىم بار.
-ماقۇل.
-مېڭىشنىڭ ئالدىدا سۆيۈپ قويمامسىز.
ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ، يالغاندىن تولىمۇ تەستە ھىجاراپ ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدۇم-دە، ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم. شۇنداقتىمۇ كوچىغا چىقىۋالغۇچە كىملەر مېنىڭ ياتاقتىن چىققىنىمنى كۆرۈپ قالدىكىن دەپ يۈرىكىم سۇ بولۇپ كەتتى. چوڭ كوچىغا چىقىپلا خاتىرجەم بولۇپ ئېغىر ئۇھ تارتىۋالدىم. يائاللا، دوزاختىن بىر قۇتۇلدۇم-دە، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. لېكىن ئۆيدە يەنە تېخى خوتۇنۇمنىڭ سۆرۈن تەلەتى مېنى ساقلاپ تۇراتتى. بۇنىڭغىمۇ گەپ تەييارلاپ قويمىسام بولمايتتى. خوتۇن دېگەنگە ئاخشامقى رەسۋاچىلىقنى ئېيتقىلى بولاتتىمۇ.
نېمە گەپ بولۇپ كەتتى دەيمەن، چۈشتە ئىشتىن دەككە-دۈككە بىلەن ئاران قايتىپ كەلسەم خوتۇنۇم ئۆيدە گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خاتىرجەم تەلەتىگە قاراپ كۆڭلۈم تېخىمۇ ۋەسۋەسىگە چۈشتى. گەپ قىلماي چېيىمنى ئارانلا ئىچىۋالدىم.
-يېرىم كېچىدە نېمە جاپپارنىڭ ئۆيىنى ئاۋارە قىلىپ يۈرىسىلەر ئەمدى،-دېدى خوتۇنۇم بىر چاغدا ئۆزىچىلا سۆزلەپ،-ئۇنىڭ خوتۇنى كاماندىروپكىغا كېتىۋېدى، بىردەمدىلا سەن ھاراقكەشلەرنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالدىمۇ نېمە ئۇ ئۆي.
-نېمە بولدى؟-مەن ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي سورىدىم.
-نېمە بولاتتى، ئاخشام جاپپار تېلېفون قىلىپ سەن ھاراقكەشلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە ماڭغىنىنى دېمىگەن بولسا، كېچىچە ئەنسىرەپ نېمە بولۇپ كېتەتتىمكىن تاڭ. تېخى غېمىدە يوق بۇ ساراڭنىڭ.
قارىمامدىغان، جاپپار دېگەن قاقۋاش خوتۇنۇمنىمۇ توغرىلاپ بولغانىكەن ئەمەسمۇ. بۇ ئىشلار شۇنىڭ بىلەن بېسىقىپ قالغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بالىلار يىغىلىمىز دېسە ئالدى بىلەن رەڭلىكمۇ ياكى رەڭسىزمۇ دەپ سورايدىغان، رەڭلىك دېسە سورۇنغا بارمايدىغان بولۇۋالدىم. ئۇنىڭ جاپاسىنى نەدە تارتىپ يۈرەي ئەمدى. گۈلچىمەننىمۇ ئىزدىمىدىم. ئاڭلىسام ئۇ جاپپاردىن بىرنەچچە قېتىم مېنى سوراپتىمىش.
قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى بىلەن ھېلىقى ئولتۇرغىنىمىزچە خېلى ئۇزۇن مەزگىل دىدارلاشمىغانىدۇق. بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز بىر توپ باغاقنى كۆتۈرۈپ يېنىمغا كەپتۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى باغاقلارنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتىم.
-يائاللا، ئاخىرى كۆڭلۈڭدىكىدەك قىزدىن بىرنى تېپىپسەندە، مۇبارەك بولسۇن، توي قاچان؟
-ئۆگۈنلۈككە،-ئۇنىڭمۇ شادلىقتىن كۆزلىرى پارقىراپ كەتكەنىدى،- تەقدىر ئاخىرى ماڭا كۆڭلۈمدىكىدەك بىر قىزنى نېسىب قىپتۇ قارا ئاداش. تۇغقىنىمىزنىڭ قىزى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىنىغا تېخى ئىككى يىلمۇ بولماپتۇ. ئاپام ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ تېپىپ سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى قىز، شەك يوق دەپ تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئۆزۈممۇ ئىككى ئايغىچە ئارىلىشىپ كۆردۈم. ياخشى قىزكەن. يۈزى تۆۋەن، كەم سۆز.
-دېمىدىممۇ، جاھاندا تېخى ياخشى قىزلار تۈگەپ كەتكىنى يوق.
-خوش ئاداش، مەن كەتتىم. ماۋۇ بالىلارنىڭ باغىقىنى يەتكۈزۈۋېتەرسەن.
ئۇ ئالدىراپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ توي قىلماقچى بولغىنىنى بىلىپ راستىمنى ئېيتسام قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتىم. بۇ بويتاقنىڭمۇ بېشى ئوڭلىنىدىغان بولدى ئاخىر. دۇنيا دېگەن مانا شۇ، كىشى ئۈمىدىسىزلا بولمىسا ھامان كۈلۈپ ياشايدىغان زامانلار كېلىدۇ.
توي كۈنى خوتۇنۇمغا قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلىنىڭ تويىغا بېرىپ كېلىلى دېسەم، ئالىدىغان قىزىنى تونۇمىسام، ئۆزىڭىز بېرىپ كېلىڭ دەپ زادىلا ئۇنىمىدى. ئامالسىز تويغا ئۆزۈم يالغۇز بېرىشقا توغرا كەلدى. رېستۇراننىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە رېستۇران ئالدى توپ-توپ بولۇپ تۇرغان بالىلار بىلەن قىزىپ كەتكەنىدى. يىگىت بىلەن قىز تېخى ئايلىنىشتىن كەلمەپتۇ. ئاغىنىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ مەنمۇ ئۇلارنى ساقلاشقا باشلىدىم. سائەت سەككىزلەر بىلەن ئۇلار ئايلىنىشتىن كەلدى. توي ئۈچۈن ئالاھىدە بېزەلگەن «مېرسىدىس» ماركىلىق ماشىنىدىن كادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى يېڭى كېلىننىڭ قولىنى يېتىلەپ چۈشتى. ئۇ بۈگۈن كارامەت ئېچىلىپ كەتكەنىدى. كىيىملىرىمۇ ئۆزىگە بەكلا ياراشقان، كېلىن قىزمۇ يۈز ياپقۇسىنى ئاچماي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ناز بىلەن ئۇنىڭ جىلۋىسىگە تېخىمۇ جىلۋە قوشقانىدى. ھەممەيلەن چاۋاك بىلەن ئۇلارنى رېستۇرانغا باشلاپ كىردۇق. رېستۇران ئىچى بەكلا ئىسسىق ئىدى. رېستۇرانغا كىرىپ بىر ئازدىن كېيىن يېڭى كېلىن يۈز ياپقۇسىنى ئازراق قايرىپ ئېچىپ قويدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ چىرايلىق يۈزى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ قالدى. شۇ تاپتا ھەممەيلەن بۇ ئىككى ياشنىڭ بەختى ئۈچۈن شادلانماقتا ئىدى. لېكىن مەن يېڭى كېلىنگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ باشقا بىرى ئەمەس، دەل گۈلچىمەن ئىدى!
ھاڭۋېقىپ ئورنۇمدا تۇرۇپلا قالدىم. مېنىڭ بۇ غەيرى ھەرىكىتىمنى بالىلار سېزىپ قالدى بولغاي، شۇ ھامان مېنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن دەرھال ئېسىمگە كەلدىم. گەپمۇ قىلماي ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، ئاستا سىرتقا ماڭدىم. ئەمدى بۇ يەردە ئولتۇرۇش مەن ئۈچۈن بىر ئازاب ئىدى. ھەي قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى، نېمە بولغانسەن يەنە؟
تويدىن بالدۇرلا قايتىپ كەلگىنىمنى كۆرگەن خوتۇنۇم ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا سورىدى:
-توينى تۈگەتمەيلا قايتتىڭىزمۇ نېمە؟
-ئادەم بەك جىقكەن، سىقىلىپ ئولتۇرالماي قايتىپ كەلدىم.
بۇ گېپىمدىن كېيىن ئۇمۇ ئارتۇقچە گەپ سورىمىدى. مەنمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاستا كىتابخانامغا كىرىپ بېكىنىۋالدىم.
ئىشنىڭ يامىنىنى ئەتىسى كەچقۇرۇن ئاڭلىدىم. قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى يېڭى ئالغان خوتۇنىنى ئاخشام ئۇرۇپ ئولتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچىدىم. چۈنكى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنى ماڭا ئايان ئىدى. جاپپار ماڭا بۇنى مۇنداق چۈشەندۈردى. گۈلچىمەن ئەسلى ئۆزىگە قىزلىق پەردىسى سالدۇرغانىكەن، بىراق ناباپ دوختۇرغا ئۇچراپ قالدىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنىمى بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گۈلچىمەن قىز چىقمىغاندىن كېيىن بۇنى قاتتىق ھار ئالغان قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ھەي، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ ئادەم ئۆلتۈرمەسلىكى كېرەك ئىدى-دە!
شۇنىڭدىن كېيىن قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى بىردىنلا غايىب بولۇپ كەتتى. ئۇنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتىمۇ ياكى ئۇ قېچىپ يۈرەمدۇ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. ئۇ توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا تەنلىرىم تىكەنلىشىپ كېتىدۇ. قايسى كۈنى ئۇ تېخى چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ.
ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى دولىسىغا چۈشكەن قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى جاڭگالدا تەنھا ياشاۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغانمىش. مەن ئۇنى يوقلاپ بېرىپتىمەن. ئۇ قىڭغىراقنى كارنىيىمغا نىقتاپ تۇرۇپ: «سەن بولۇپ قالدىڭ، بىر قوشۇق قېنىڭدىن كېچەي. ئاۋۇ بۇزۇقلىرىڭغا ئېيتىپ قوي، مەن بىر كۈنى شەھەرگە كىرىمەن. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كاللىسىنى قانداق ئالىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ قالىسەن سەن لاتا!» دەپ ۋارقىراۋاتقۇدەك. چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. گەرچە بۇ بىر چۈش بولسىمۇ «ئۇنداق قىلمىساڭ بولاتتى قادىركامنىڭ 35 ياشلىق ئوغلى» دەۋەتكەن ئوخشايمەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر