ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 23-مايدىن 25-مايغىچە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 2-دىۋىزىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى.
ئۈچ كۈنلۈك تەكشۈرۈش جەريانىدا، جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە 1500 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كورلا شەھىرى، چاقىلىق ناھىيەسى، بۈگۈر ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 2-دىۋىزىيەسىگە كەلدى.