باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى

2015.05.26 11:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: 2014-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست قاتارىدا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، باي ناھىيەسى بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %20 تىدىن يۇقىرى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 1500 يۈەن ياردەم بىرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيەدە ھازىرغىچە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى 4 مىليۇن 265 مىڭ 100 يۈەنگە، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزدىن چۈشۈرۈپ بىرىلگەن مەبلەغ 3 مىليۇن 412 مىڭ 100 يۈەنگە، ئاپتونوم رايوندىن ئاجىرىتىلغان مەبلەغ 853 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، بىۋاستە نەپكە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى 4499 نەپەرگە يەتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر