باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ برازىلىيەدە ئېلىمىز ياسىغان مېترو پويىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

2015.05.22 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  برازىلىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېلىمىز ياسىغان مېترونى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە پويىزغا چىقتى. لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن رىئودى-ژانىيرو مېترو شىركىتىنىڭ سىناق سېخىغا بېرىپ، رىئودى-ژانىيرو مېترو كۆرگەزمە تاختىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى كۆردى. ئارقىدىن، جۇڭگو شىمال پاراۋۇز شىركىتى ياسىغان يېڭى پويىزغا چىقتى. بۇ پويىز 2016-يىلى رىئودى-ژانىيرودا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن يېڭىدىن تەسىس قىلىنىدىغان مېترو 4-لىنىيىسىگە سەپلىنىدۇ. لى كېچياڭ بىرىنچى ۋاگوندا برازىلىيە دائىرلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىنى ئاڭلىدى. پويىزنىڭ قايتىش سەپىرىدە، لى كېچياڭ كابىنكىدا شوپۇر بىلەن پاراڭلاشتى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ياسىغان پويىزلار رىئودى-ژانىيرونىڭ مېترو 1-، 2-لىنىيىلىرىدە ئىشقا سېلىنغان بولۇپ، يەرلىك يولۇچىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. لى كېچياڭ رىئودى-ژانىيرو يولۇچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرى ئۆزلىرى ياسىغان پويىزلارنى ئاسراپ تۇرىدۇ ھەمدە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھوزۇرلىنىىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بىز برازىلىيەدە رېمۇنت قىلىش بازىسى، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، يەرلىكتىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، شۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر