باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشتى

2015.05.25 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 23-ماي چۈشتىن بۇرۇن لىمادىكى ئارخېئولوگىيە، ئانتروپولوگىيە ۋە تارىخ مۇزېيىدا جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى چاڭ شىڭلېي فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 23-ماي چۈشتىن بۇرۇن لىمادىكى ئارخېئولوگىيە، ئانتروپولوگىيە ۋە تارىخ مۇزېيىدا جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  لى كېچياڭ پېرۇنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەئىسى كخاترىجانونىڭ ھەمراھلىقىدا چاۋىن مەدەنىيىتى، ئىنكا مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى» رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، پېرۇ ۋە لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى بىلەن تەپسىلىي تونۇشتى ۋە پېرۇ تەرەپكە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تونۇشتۇردى.

  ئىكىسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لى كېچياڭ كخاترىجانو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو، پېرۇنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر