باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياش يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2015.05.26 15:53   مەنبە: خەلق تورى

ياش يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قەشقەر گېزىتى مۇخبىرى قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى، فوتوسى) 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، قەشقەر شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خادىمى ياش يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ كۈندىكى پائالىيەتكە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، تارىم غۇنچىلىرى ژورنىلى تەھرىراتى، قەشقەر ئۇنۋېرسىتىتى، خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، قەشقەر گېزىتى،خوتەن، ئاقسۇ، ئاقتۇ ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيلىلرىدىن بولۇپ، يازغۇچى-شائىر، ئەدىب، سەنئەتكارلار، تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

  پائالىيەتكە قەشقەر شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋېقات بۆلىمىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى، تونۇلغان ئاخباراتچى، ژورنالىسىت ئابلىمىت سوپىھاجى رىياسەتچىلىك قىلىدى. ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى ئەسقەر ئەھمىدى تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇردى. تاھىرجان ئاتاۋۇللا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى كېرىمجان ئابدۇرىھىم، قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بۈلبۇل ئەكرەم، ئاتاقلىق بالىلار شائىرى ۋە يازغۇچىسى، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈلەر نەشىرياتىدىن ئابلىكىم ھەسەن، كاشىغەر مەدەنىيىتى ژورنىلنىڭ مۇھەررىرى، شائىر، ئوبزۇرچى ئابلاجان بوۋاقى قاتارلىق تەتقىقاتچى ۋە ئەدىپلەر ئۇنىڭ « كۈلگۈنچەك بالا»، «جاسارەتلىك بالا»،«سەھرالىق بالا» ناملىق كىتابلىرىنىڭ يېزىلىشى ۋە ئاپتورنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇدى. شائىر ۋە جامائەت ئەربابى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىنىڭ سابىق باشلىقى ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ بەكتۇر، فىراففىسور، داڭلىق بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، شائىر ئەركىن داۋۇت ئوغۇز، مەدەنىيەت تارىخ تەتقىقاتچىسى، شائىر مۇھەممەد ئىمىن قۇربان قاتارلىق شائىرلار ئاپتورنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلەپ يازغان شېئىرلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلىدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاتاقلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان، ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كىرىمى، تارىم غۇنچىلىرى ژورنىلىدىن روزى مۇھەممەد قاشتاش، مەدەنىيەت تارىخى تەتققىقاتچىسى ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، ئۆمەر ئوسمان شىپائى تىكىن، بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، نەسىرچى مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرەيار، توھپىكار يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگىن، دىلبەر ھامۇد، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم، ئاتاقلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى، توختاجى تۇرسۇن، ھاجى ئاتىكە مىرئەھمەد، خوتەندىكى ئەدىپلەردىن، ئاتاقلىق بالىلار يازغۇچىسى جاسارەت جاپپار، ياسىن ئابدۇقادىر،ئابدۇلھەمىد ياسىن، ئاقسۇدىن ياسىنجان توختىنىياز توغراق، ئاقتۇدىن ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر، ئامىنە ئابدۇۋايىت، رەيھانگۇل ئوسمان،يەكەندىن ئادىل ئىمىن، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەلتۇغ، قەشقەر يېڭشەھەردىن قۇربان ئابلىمىت، ئابابەكرى توختى، ئادالەت ئابدۇرېھىم، ئابدۇقېيىم ئەيسا يازقۇت، قەشقەر كونىشەھەردىن ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت، مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش،قەشقەر ئۇنۋېرسىتىتى، قەشقەر گېزىتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى قەشقەر خەلق رادىيۇ ئىستانسى، ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلاردىن يازغۇچى-شائىر، خەتتات، سەنئەتكار، ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ، مۇھەممەد تۇرسۇن داۋۇت، ھاجى ئابدۇراخمان باقى، ئىبراھىم ئەمەت كۆنچى، ئەنۋەر مەتسەيدى، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر،ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش، ئابدۇشۇكۇر راشىدىن، قەمەردىنلا دولقۇن، ئەخمەتجان خۇما، كۆرەش ھۈسۈيىن، ئادىلجان ئابدۇقادىر، رىزۋانگۇل قادىر، ئابدۇراخمان، دىلبەر، ئابدۇرېھىم غازى، دىلمۇرات تۇرسۇن، غولامجان قادىر قۇتبىلىگ، ئابدۇسالام بىسلان،ئايپاشا تۇرسۇن،دىلبەر مۇھەممەد رېھىم، ئابدۇقېيىمجان، ئابدۇكىرىمجان ياقۇپ، مىھرىنۇر ئەبەيدۇللا دىلقىزى، مىرىگۇل ئابلىمىت، ئەركىن غوپۇر، ئابدۇكىرىم سۇلتان، ئالىمجان خۇدابەردى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرى قاتناشتى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئەدىپلەر ئۇنىڭغا تون كەيگۈزدى، ئۇنۇڭغا گۈل ۋە سوۋغا تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىنى تەبرىكلەشتى. تاھىرجان ئاراۋۇللا قوشماق پائالىيەت ئەھلىگە يېڭىدىن نەشىر قىلدۇرغان «سەھرالىق بالا» ناملىق كىتابىدىن بىردىن سوۋغا قىلىدى. ھەمدە بارلىق پائالىيەت ئەھلىگە زىياپەت بەردى. زىياپەت جەريانىدا داڭلىق ناخشىچى نۇرجان يۈسۈپ، قەشقەر شەھەرلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىنىڭ رىياسەتچىسى ئالىيە ئۇتۇق، 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ موزىكا ئوقۇتقۇچىسى ناخشىچى گۈلنار تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ ئىسىل سەنئەت نومۇرلىرى ، شائىرلارنىڭ شىئىرلىرى سورۇننى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

  تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق 1973-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1996-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ فېزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى بەشكېرەم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، 2014-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 2003-يىلى 11-ئايدا «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «خېجىللىق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان . ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرنالاردا 150پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات،تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، بىر قىسىم ھېكايىلىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «ئوسما ئوغرىسى» ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى «شىنجاڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما» ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، دۇلىتېل دوختۇرنىڭ سەرگۈزەشتىسى»، «شەپەرەڭ بىلەن قارلىغاچ»،«ياغاچ قونچاقنىڭ كۆز يىشى»،« خەيىر-خوش باھانە» قاتارلىق 11پارچە تەرجىمە كىتابى ۋە ئۇ ئۆزى يازغان ھېكايىلەردىن تەركىپ تاپقان «كۈلگۈنچەك بالا»، « جاسارەتلىك بالا»،«سەھرالىق بالا» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلدۇرۇلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …
      ·خەنزۇتىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندال…
      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…