كۆكتوقاي ساياھەت مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىگە شەرقىي شىمالىدىكى ئالتاي تېغىغا جايلاشقان. ئېرتىش دەرياسى بۇ جاينى كېسىپ ئۆتىدۇ.
كۆكتوقاي، قازاقچە «يېشىك ئورمانلىق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «كۆپكۈك ئېقىن» نى بىلدۈرىدۇ. بۇ جاي مول بولغان كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن داڭلىق. كۆكتوقاي ساياھەت مەنزىرە رايونى 2012-يىلى 29-يانۋار بوغدا كۆلى، بويلۇق، قاناس، ناراتتىن ئىبارەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرىگاھىدىن كېيىن، كۆكتوقاي مەنزىرىگاھى رەسمىي تۈردە شىنجاڭدىكى A5 دەرىجىلىك 5-ساياھەت مەنزىرىگاھى بولۇپ بېكىتىلگەن.
كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىچكىرىدە 1931-يىلى 11-ئاۋغۇست يەر تەۋرەشتىن قېپقالغان غايەت زور يەر تەۋرەشتىن ئۈزۈلگەن بەلباغ بار بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان، ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئۈزۈلمە بەلباغ ھېسابلىنىدۇ.
5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سۈپەت دەرىجە سېستىمىسى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايون دەرىجە سۈپىتىنى باھالاش كومىتېتى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئارىسىدىن باھالاپ بېكىتكەندىن كىيىن، شەكىللەنگەن ساياھەت رايونى سۈپەت دەرىجىسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئۆلچىمى. 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنسانىي تۇيغۇغا شۇنداقلا ئىنچىكىلىشىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل رەتلىگەن)