ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇزۇندىن يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەدەنىيىتىنى ياراتتى، بولۇپمۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر بازىرىمۇ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ تاماق ئۈستىلىمۇ كۈنسېرى موللاشتى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا بازار تەرتىپىنى تۈزەش مەسىلىسىمۇ كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. مۇخبىرىمىز نۇزىگۈل ئىمىر مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر بازىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى شۇنداقلا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە زىيارەتتە بولدى.