باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن(2)

2015.05.28 10:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


-ھوي، ئىشتىن قايتقان ئوخشىمامسىز؟-دېدىم مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خۇددى تۇيۇقسىز كۆرۈشۈپ قالغاندەك ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ،- بالدۇر قايتىپسىزغۇ؟
-ياق بالدۇر ئەمەس، ئىشتىن قايتىدىغان ۋاقىت بولدى،-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ ھېلىقىندەك ئىللىق كۈلۈپ،-سىز بۇ ياقتىن كېلىۋاتىسىزغۇ؟
-ھە، ئىدارىنىڭ ئىشى بولمامدۇ. بانكىغا ئاپىرىدىغان بىر چەك بار ئىكەن، شۇ ئىشنى بېجىرىپ قايتىشىم،-دېدىم مەنمۇ شاققىدە يالغاندىن بىرنى توقۇپ،-كۆرۈشۈپ قالغىنىمىز ياخشى بولدى. تۈنۈگۈن تازىمۇ پىخسىق بالىكەن دەپ ئويلاپ قالغانسىز-ھە. يۈرۈڭ تاماق يەيلى دەپمۇ قويماپتىمەن ئەمەسمۇ. چۈش بولۇپ قاپتۇ، سىزمۇ ئىشتىن قايتىپسىز. ئەمدى مەنمۇ ئىدارىغا بارسام ھەممىسى بەرىبىر ئىشتىن قايتىپ بولدى، تۈنۈگۈنكى گۇناھىمنى يۇيۇپ چۈشتە بىرگە تاماق يەيلى.
-ۋىيەي، شۇنداق بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى،-دېدى ئۇ يەنە شۇنداق چىرايلىق ناز قىلىپ،- بىراق بۈگۈن چۈشتە ئۆيگە كەتمىسەم زادى بولمايدۇ.
-نېمىشقا؟-مەن دەرھال جىددىيلىشىپ سورىدىم.
-ئاپام بۈگۈن ئۆيدە ھېيتلىق ساڭزا پىشۇرماقچى ئىدى. شۇڭا ئىدارىدىنمۇ چۈشتىن كېيىن يېرىم كۈنلۈك روخسەت سوراپ قايتتىم. خاپا بولماڭ.
ئۇنىڭ خىجىللىق بىلەن خۇددى ماڭا يالۋۇرۇۋاتقاندەك قىلغان گەپلىرى بەدەنلىرىمنى شۈررىدە ئېرىتىۋەتتى. نېمە دەيمەن، ئۇ سەۋەبىنى ئېيتىپ بولدى. ئەمدى يەنە يار يىلىمدەك چاپلىشىۋالغان بىلەن ئۇنىڭغا ياخشى تەسىر بەرمەيتتىم. بۈگۈننىلا ئويلىغان بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ دېگىنە.
-ئۇنداق بولسا بۇ تاماق يەنە ماڭا قەرز بولۇپ قالسۇن،-دېدىم مەن دەرھال ئۆزۈمنى ئوڭشاپ،-ئەمما كېلەر قېتىم ھېچقانداق ناھانە كۆرسەتمەيسىز ھە؟
-بولىدۇ،-ئۇ تاتلىققىنە كۈلدى.
-ئۇنداق بولسا ھېيتتا كۆرۈشەيلى،-دېدىم مەن ئۇنىڭغا. ئۇ ماقۇل بولدى. ئۇنىڭدىن دەرھال تېلېفون نومۇرلىرىنى تەپسىلىي سورىۋېلىپ ئۆزۈمنىڭ چاقىرغۇ نومۇرۇمنىمۇ ئېيتىپ بەردىم. ئاندىن ئۆينىڭ ئادرېسىنى تەپسىلىي سورىۋالدىم.
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولدا كېتىپ بارىمەن. ئەمما خوشاللىقىمنى بىر دېمەيسەن. شۇ كۈنى كەچتە بەرنانى ئويلاپ زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى. ئىككى كۈن قالغان قۇربان ھېيتنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى تىلەپ كەتتىم.
شۇ مەن ئارمان قىلغان قۇربان ھېيتمۇ كەلدى. نامازدىن قايتىپ ئەتىگەندىلا تۇغقانلارنىڭ ئۆيىنى ئالدىراپ، چاققان-چاققانلا ھېيتلاپ خىزمەتداشلارنىڭ ئۆيىگىمۇ بارماي بەرنانىڭ ئېيتىپ بەرگەن ئادرېسى بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. بارسام ئۇ بارىكەن. ھېيتچىلىق بولغاندىن كېيىن دادىسى قىزىمنىڭ خىزمەتدىشى ئوخشايدۇ دەپ، مەن بىلەن سالاملىشىپ قويۇپلا بەرنانى ماڭا تاشلاپ بېرىپ ئۆزى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەنمۇ دادىسى بىلەن كۆرۈشكەندە گەپنى قالتىس ياسىدىم دېگىنە، نېمە دېدىڭ دېمەمسەن؟ «قارىسام تۇغقانلارنىڭ ئۆيىنى ھېيتلاپ بۇ تەرەپكە كېلىپ قاپتىمەن، ئەتە خىزمەتداشلار بىلەن يەنە كېلىپ يۈرگىچە دەپ ئۆزۈم يالغۇزلا كېلىشىم» دېسەم، دادىسى قاسسىدىلا ئىشەندى. شۇ كۈنى بەرنانى كەچتىكى ئولتۇرۇشقا توغرىلىدىم. لېكىن ئۇ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا سىرتقا چىقىپ يۈرسەم سەت بولىدۇ، دەپ زادىلا ئۇنىمىدى. ئىچىمدە ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن، ئوڭلۇقلىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. شاللاق بىرنېمە بولغان بولسا ئاغزىمدىن چىقىپ بولغىچە پاچىقىمغا ئېسىلاتتى، دەپ ئويلايمەنغۇ. لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بۈگۈنلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى ئىستەيتتى. گېپىم ئۇنى قايىل قىلدىمۇ ياكى ئۇمۇ ماڭا قىزىقىپ قالدىمۇ ئاخىرى ئۇ قايتار چاغدا مەن بىلەن ئەتە كۆرۈشۈشكە ۋەدە بەردى. كۆرۈشىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بەلگىلىۋېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىكى خۇشاللىقىمغا ھېچ نېمە تەڭ كەلمەيدۇ جۇمۇ. مەن بىلەن بىر يەرگە بىللە چىقىشقا قوشۇلدى دېگەن گەپ، ماڭا مەيلىنى بەردى دېگەن بولماي نېمە؟ ئۆمرۈمدە ھېيتتا بۇنچىلىك خۇشال بولمىغان ئىكەنمەن. كەچتىكى بالىلار بىلەن بىللە بولغان ئولتۇرۇشتا ئۇ خەقنىڭ ئوبۇكتىلىرىغىمۇ قارىماي پو دېگەن تازا ئېتىپتىمەن.
ئەتىسى دېگەندەك بەرنا دېگەن ۋاقىتتا كۆرۈشمەكچى بولغان يەرگە كەپتۇ. ئۇ شۇنداق چىرايلىق ياسىنىۋالغانىدى. مۈرىسىگە چۈشكەن دولقۇن چاچلىرى شامالدا يېنىك تەۋرىنىپ ئۇنىڭ گۈزەل لاتاپىتىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. گىرىمنى بەك قېنىق قىلمىغاچقا ئۇ كۆزۈمگە تېخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كەتتى. قاپقارا يوغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ ۋىلىققىنە كۈلگىنىچە «ساقلىتىپ قويدۇممۇ نېمە؟» دەپ شۇنداق بىر سالام قىلىۋېدى، تەنلىرىم شۇررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولدى.
-ياق، ياق، دېدىم مەن ئالدىراپ،-مەنمۇ ھېلىلا كەلگەن. ۋاقىتقا بەك رىئايە قىلىدىغانكەنسىز، مەن ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان ئادەملەرنى بەك ياقتۇرىمەن.
بىز ياندىشىپ كىنوخانىغا ماڭدۇق. بىلىپ تۇرىمەن، يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا كۆزى بەرنا بىلەن ئىككىمىزدە. بەزى بالىلار ماڭا ھەسەت قىلىشىپ، بەرنادىن كۆزلىرىنى ئالالمايلا قالدى. شۇنداق چىرايلىق قىز يېنىڭدا تۇرسا يۈرىكىڭمۇ باشقىچە سوقۇپ، قەلبىڭمۇ ئاجايىپ بىر بەختكە بۆلۈنىدىكەن. ماڭغاچ پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا ئوتلۇق نەزىرىم بىلەن قاراپ قويۇمەن. ئىچىمدە بولسا ئەمدى سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، جېنىم چىقسىمۇ، ھەممە نېمەمنى دوغا تىكسەممۇ مەيلى، سېنى چوقۇم ئالىمەن، دېگەنلەرنى پىچىرلايمەن. بىز كىنوخانىغا كىرىپ ئايرىم بىر خانىغا ئورۇنلاشتۇق.
بىز شۇ كۈندىن تارتىپ يۈرۈپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭغا بىز يۈرۈپ قالايلى دېگەن تەلەپنىمۇ قويمىدىم. ھاياجان بىلەن ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى، ھەتتا كىنوخانىغا كىرىپ كېتىۋېتىپمۇ ئۆزۈمگە نېمىلەرنى دەپ پىچىرلىغىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم. ھاياجانلىق گەپلىرىمگە ئۇ ئاخىرى ئىشەندى. مەن ئۇنىڭ بېشىنى شۇنداق ئاۋايلاپ ئۆزۈمگە تارتقىنىمدا ئۇنىڭ بېشى ھېچقانداق قارشىلىقسىزلا يېنىك مۈرەمگە قويۇلدى. ئۇنىڭ بېشى مۈرەمگە قويۇلۇشى بىلەنلا ۋۇجۇدۇمغا كىرگەن بىر ئوت پۈتۈن بەدىنىمگە تاراپ كەتتى. قاتتىق ھاياجاندىن ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. بىز خېلى ئۇزۇنغىچە بىر-بىرىمىزگە گەپ قىلالماي قالدۇق. لەۋلىرىم ئۇنىڭ كۆيۈپ تۇرغان ئوتلۇق لەۋلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ جىمجىتلىق تېخىمۇ ئۇزۇن سوزۇلدى. بىرىنچى كىنو تۈگەپ ئىككىنچى كىنۇ باشلانغاندا ئۇ ئاستا لەۋلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ يوغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.
-يامان قېلىنكەنسىز،-دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا ماڭا ناز قىلىپ.
توساتتىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. مەن قېلىنمۇ؟ مەن قېلىن ئەمەس، مۇھەببەتتە سەۋدا بولغان ئادەملا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن سۆيگۈنىگە مۇشۇنداق قاراملىق قىلالايدۇ. مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا شىۋىرلاپ شۇنداق دېدىم. بۇ گەپلىرىم بىلەن ئۇ خۇشاللىقىدىن لەۋلىرىمگە يېنىك سۆيۈپ قويۇپ يەنە سورىدى:
-مېنى ئالداپ قويماسسىز ھە؟
-نېمە بۇنداق خىيالغا كېلىپ قالدىڭىز؟-دېدىم مەن دەرھال،-ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىز يە؟
-ياق ئىشەنمىگەنلىكىم ئەمەس،-دېدى ئۇ يەنە قولۇمنى چىڭ سىقىپ،-ھازىر جەمئىيەت بەك ئەسكى بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتابنى جىق كۆرۈپ بىر ئاز خىيالچان بولۇپ قالغان ئوخشايمەن. سىزغۇ ئوغۇل بالا مەيلى، لېكىن بىز دېگەن قىز بالا، ئاجىز تۇرساق، ئۆزىمىزنى ئويلىمىساق قانداق بولىدۇ.
-قاراڭ، مەن شۇنداق بالىدەك قىلامدىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، ئەمدى سىز مەن بىلەن بىرگە بولمايمەن دېسىڭىزمۇ مەن سىزنى قويۇپ بەرمەيمەن،- دېدىم ئۇنى قايتا ئۆزۈمگە تارتىپ. شۇنىڭدىن كېيىن بىز زادىلا كىنو كۆرمىدۇق. شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنىلا بىر-بىرىمىزگە قانالمىدۇق.
بىز كىنوخانىدىن قايتقاندا خېلىلا كەچ بولۇپ كەتكەنىدى. بىزنىڭ گېپىمىز تۈگىمەي مەن ئۇنى ئۆيىگە پىيادە ئاپىرىپ قويدۇم. شۇ كۈندىن باشلاپ ئىككىمىز ھەر ئىككى كۈندە بىر كۆرۈشىدىغان بولۇۋالدۇق. راستىنى ئېيتسام ئۇنى كۆرمىسەم زادىلا چىدىمايتتىم. شۇڭا ئۇنى دائىملا ئۆزۈم ئىزدەپ باراتتىم. ئىشتىن چۈشۈشىگە ئۈلگۈرۈپلا ئۇنىڭ ئىدارىسى ئالدىغا بېرىپ ئۇنى ساقلاپ تۇراتتىم. ئۇمۇ مېنى كۆرسە يالغاندىن كۈندىلا كېلىۋالامسىز دەپ خاپا بولغاندەك نازلىناتتى. لېكىن مەن بىلەن قارشىلىقسىز مېڭىپ ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى باغچىدا كۈننى خېلىلا كەچ قىلىپ ئاندىن «ئۆيگە قايتايلى» دەيتتى. ئۆيىگە ئالدىرايدىغان كۈنلىرى بىز ھېچ يەرگە بارماي پىيادە مېڭىپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتىم. بىر شەنبە كۈنى مەن ئۇنى ئىككىمىز دەسلەپ كىرگەن كىنوخانىغا ئاپىرىپ كىنو كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇم. لېكىن ئۇ ماڭا بىز تانسىخانىغا بېرىپ كېلەيلى، دېدى. مەن دەرھال قوشۇلدۇم. بىز ئۇ كۈنى تانسىخانىدا ناھايىتى ياخشى ئوينىدۇق. مەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئۇ تانسىغىمۇ، ئۇسسۇلغىمۇ شۇنداق ئۇستا ئىكەن ئەمەسمۇ. ئاشۇ كۈنلەردە مودا بولۇۋاتقان تانسىغا شۇنداق يېنىك ئوينىدىكى، ھەيران قاپتىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ھەر دەم ئېلىشتا دېگۈدەك تانسىخانىغا بارىدىغان بولۇۋالدۇق. ئاشۇنداق كۈنلەردە ئۇ شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتەتتىكى، مەن ئۇنى شۇنداق خۇشال قىلالىغىنىمدىن ئۆزۈمنى ئالەمچە بەختلىك ھېس قىلاتتىم. لېكىن بىر كۈنى ئارىمىزدا بولغان ئازىراق ئازارچىلىقتىن كېيىن بىز تانسىخانىغا بارماس بولدۇق.
ئۇ ئىش مۇنداق بولدى. شەنبە كۈنى ئىككىمىز كەچلىك تاماقنى بازاردا بىللە يەپ قاش قارايغان چاغدا بىر تانسىخانىغا باردۇق. تانسىخانىدا ئىككىمىز شۇنداق ياخشى ئوينىدۇق. ئارىلىقتا چىققان ئۇسسۇل مۇزىكىسىغا ئويناپ بولۇپ ئورنىمىزغا قايتقاندىن كېيىن زەھىرىم قىستام ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتىم. ھاجەتخانىدىن چىققىنىمدا تانسا مۇزىكىسى باشلىنىپ بولغانىكەن. بەرنانى ساقلىتىپ قويماي دەپ ئالدىراپ ئورنۇمغا كەلسەم، ئۇ يوق. بەرنا ئولتۇرغان ئورۇنغا قارىسام سومكىسى تۇرىدۇ. مەن تېخى ئۇنى مېنىڭدىن كېيىن ھاجەتكە كىرىپ كەتكەن چېغى دەپتىمەن. نەدىكىنى، بىرھازىدىن كېيىن تانسا مۇزىكىسى تۈگىگەندە ئۇ بىر بالا بىلەن يېنىك بېشىنى لىڭشىتىپ خوشلىشىپ يېنىپ كېلىۋاتىدۇ. غۇژژىدە ئاچچىقىم كېلىپ يەنە دەرھال ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.
-ئۇ بالىنى تونۇمسىز؟-دېدىم مەن ئۇ ئورنىغا كېلىپ جايلاشقاندىن كېيىن ئۆزۈمدىكى ئاچچىقنى ئۇنىڭغا چاندۇرماي.
-ياق،-دېدى ئۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك.
-تونىمىسىڭىز ئۇ بالا بىلەن ئوينىغىنىڭىز نېمىسى؟-دېدىم مەن بىردىنلا زەردە بولۇپ.
-ئوينىسام نېمە بولىدۇ؟-دېدى ئۇ يەنە ھېچقانداق ئۆزگەرمەي،- ئولتۇرسام كېلىپ تاتقانتى، قوپماي دېسەم خىجالەت بولۇپ قالىدىكەن.
-شۇنداقتىمۇ تونۇمايدىغان باشقا بىرلىرى بىلەن نېمىشقا ئوينايسىز. شۇنداق ئوينىغىڭىز كېلىپ كەتكەن بولسا مېنى بىردەم ساقلىسىڭىز بولمامدۇ؟-مەن تېخىمۇ بەكرەك چېچىلدىم،-ئۇنداق ئۆزى تونۇمايدىغان، خەقنىڭ مۇھەببتىنى تارتىدىغان يۈزى قېلىنلار كېلىپ تانسىغا تارتسا قوپمىغىنىڭىزغا ئۇ خەقنىڭ يۈزى قانچىلىك چىمىلداپ كېتەتتى.
-ۋىيەي، خەق بىلەن بىر قېتىم ئويناپ قويغانغا نېمانداق كايىيسىز،- دېدى ئۇ بىردىنلا سەل رەنجىگەندەك بولۇپ،-بىر قول ئوينىغانغا خەق مېنى يەپ كەتمەيدۇ. كۈنچىلىكنى ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمەڭ ئەمدى.
-كۈنچىلىك ئەمەس بۇ. مەن بولغاندىن كېيىن مېنى ساقلىشىڭىز كېرەكتە،-مەن گەپتە تۇتۇلۇپ قالغاندەك بىرئاز بوشاپ قالدىم،- بولدى، چىقىپ كېتەيلى. شۇ رودىپاي قېلىنلار يەنە كېلىپ بىزگە چاپلىشىۋالمىسۇن.
مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇمۇ گەپ قىلماي كەينىمدىن ئەگەشتى. بىز تانسىخانىدىن چىقىپ خېلى يەرگىچە گەپ قىلىشماي ماڭدۇق. مېنىڭ يەنىلا ئاچچىقىم يانىمىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە كايىي دېسەم ئۇنىڭ كۈنچى دېيىشىدىن ئەنسىرەپ بار ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ماڭدىم. لېكىن ئاخىرى يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم.
-بۇ مېنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭىزغۇ سىزنىڭ،-دېدىم مەن ئاۋازىمنى سەل پەس چىقىرىپ،-شۇ بالا سىزنى تانسىغا تارتقىنىدا مېنى چىقىپ قالسا نېمە دەپ ئويلار دەپمۇ ئويلىمىدىڭىزمۇ؟
-سىز شۇنداق ياخشى تۇرسىڭىز، مەن سىزنى بۇ كىچىك ئىشلارنى كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن،-دېدى ئۇمۇ ئاۋازىنى سەل پەس قىلىپ،-خاپا بولماڭ، مەن سىزنىڭ بۇنچىلىك خاپا بولۇپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن. بولدى، ئەمدى بۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلساملا بولدىغۇ.
ئۇنىڭ ئاخىرىدا يالۋۇرغاندەك ئېيتقان سۆزلىرى ئاچچىقىمنى سەل پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇ ئارىلىقتا ئۇ مېنى قولتۇقلىۋالدى-دە، يېقىنچىلىق بىلەن قۇلىقىمغا ئاستا شىۋىرلاپ يەنە بىر قېتىم«خاپا بولماڭ!» دېدى. بۇنىڭ بىلەن مەندىكى بايىقى ئاچچىق بىردەمدىلا نەلەرگىدۇر يوقالدى. ھەي قىز بالا دېگەن ھەقىقەتەنمۇ شەيتان جۇمۇ. ئاچچىقىڭنىمۇ شۇنداق تېز كەلتۈرىدۇ، يەنە شۇنداق خۇلقى، سىلىق سۆزلىرى بىلەن بىردەمدىلا شۇ ئاچچىقنىڭ توپىسىنى تۇرپانغا ئۇچۇرۇۋېتىدۇ.
-بولدى، ئەمدى ئىككىنچى تانسىخانىغا بارمايلى،-دېدىم مەن ئاچچىقىم يىتكەندىن كېيىن ئاۋازىمنى سەل يۇمشىتىپ.
-تانسىغا بارمىساق ئۇنداقتا نەگە بارىمىز؟-ئۇ شەيتانلىق قىلىپ مەندىن سورىدى.
-بىزگە ئاشۇ كىنوخانا تىنچ ئوخشايدۇ. تانسىخانىغا بارساق سىزنى بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى تاتتۇرۇپ قويغىدەكمەن.
-ۋىيەي، مېنى شۇنداق بوش چاغلاۋاتامسىز،-دېدى ئۇ گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال خاپا بولغاندەك كايىپ،-بوپتۇ، تانسىخانىغا بارمىساقمۇ مەيلى، ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق شۇ دېسكوخانىغا كەتمەمدۇق.
ئۇنىڭ ئاخىرىدا بىر خىل قىيداش ھەم ئۆتۈنۈش بىلەن ئېيتقان سۆزلىرى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى. راست، مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەندىن بۇيان ئۇنى بىرەر قېتىممۇ دېسكوخانىغا ئاپىرىپ باقمىغانىدىم. ئۇلا خۇشال بولسا ھەم باشقىلارمۇ بىزنى ئاۋارە قىلمىسا مەيلى ئەمەسمۇ. مۇھىمى ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. مەندىنمۇ تاغدەك رازى بولۇپ مېنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈدىغان بولىدۇ. قىز بالا دېگەننى ئاشۇنداق كىچىككىنە ئىشلار بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ئۇتمىسا، ئۇلارنىڭ مەيلىنى باغلاپ ئۆزۈڭگە تاڭغان بىلەن بىكارغۇ ئاخىر. مەن شۇلارنى ئويلاپ ئۇنى كېلەر قېتىم چوقۇم دېسكوخانىغا ئاپىرىش قارارىغا كەلدىم. بىز ئۇ كۈنى ئالدىمىزدىكى دەم ئېلىش كۈنىدە دېسكوخانىغا بارىدىغان بولۇپ كېلىشىپ خوشلاشتۇق. ئەلۋەتتە، ئۇ كۈنىگىچە بىز يەنە بىر-ئىككى قېتىم كۆرۈشەتتۇق.
دېگەندەك كېلىشكىنىمىز بويىچە شەنبە كۈنى مەن لەۋزىمدە تۇرۇپ ئۇنى شەھەردىكى بازىرى ئەڭ قايناق بىر دېسكوخانىغا ئېلىپ باردىم. بىز دېسكوخانىغا كىرگىنىمىزدە شەھەردىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى بىر مۇھىم يىغىلىش بىلەن مۇشۇ يەرگىلا يىغىلغاندەك ئادەم تولىمۇ جىق ئىدى. بىز بىر خالىي ئورۇننى تېپىپ ئاران جايلاشتۇق. ئاۋاز ياڭراتقۇدا يۇقىرى ئاۋازدا دېسكو مۇزىكىسى قويۇلۇۋاتاتتى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك دېسكوغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئەپلىك قىلىپ قويۇلغان يۇمۇلاق شىرە ئۈستىدە يېرىم يالىڭاچ ئىككى قىز بىلەن مېكسىكىلىقلاردەك كىيىنگەن بىر بالا ھەدەپ بەل، پۇت، باشلىرىنى تولغاپ دېسكو ئويناۋاتاتتى. رىياسەتچى مەيدان ئالدىدىكى سەھنىدە كارنىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ، يۇمۇلاق شىرە ئۈستىدىكى دېسكوچىلارنى ئورىۋېلىپ ئويناۋاتقانلارنى شىرەگە چىقىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئويناشقا دەۋەت قىلىپ، بۇ يەردىكى ئويۇننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر