باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ ‹‹يېشىل ئۇزۇن سەپەر›› پائالىيىتى باشلاندى

2015.05.27 21:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 – يىللىق مەملىكەت بويىچە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ‹‹يېشىل ئۇزۇن سەپىرى›› يازلىق تەتىللىك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى يېقىندا بېيجىڭدا رەسمىي باشلاندى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەنشى، ئىچكى موڭغۇلدىكى ئىستۇدېنتلار مۇھىت ئاسراش پىدائىيلار ۋەكىللىرى ‹‹يېشىل ئۇزۇن سەپەر›› نى ئاۋۋال باشلايدىكەن. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى شۈ شياۋ پائالىيەتنىڭ بايرىقىنى ئىشتىراكچىلارغا تاپشۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ‹‹يېشىل ئۇزۇن سەپەر›› پائالىيىتى رايونلارغا ئاساسەن ‹‹ئالتۇن دېڭىز ساھىلى››، ‹‹غەربىي شىمال قۇملۇقى››، ‹‹چاڭجياڭ ناخشىسى››، ‹‹يامغۇرلۇق ئورماندىكى ئېكسپېدىتسىيە›› قاتارلىق بىر نەچچە لىنىيەدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۆمىكى تەشكىللىنىپ، ياش ئىستۇدېنتلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشقا يېتەكلىنىدىكەن. پائالىيەتنى مەملىكەتلىك ئانا دەريانى قوغداش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەشۋىقات ئىشخانىسى، بېيجىڭ ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر