شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ سانتىياگودىكى زۇڭتۇڭى مەھكىمىسىدە چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى
شىنخۇا تورى، سانتىياگو، 25-ماي تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ سانتىياگودىكى زۇڭتۇڭى مەھكىمىسىدە چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىلى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىزچىل باشلامچى بولۇپ كەلدى.جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چىلىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئالغا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-چىلى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە جۇڭگو بىلەن چىلى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھەلەر، پۇل مۇئامىلە، دېھقانچىلىق، كان مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدى.
سۆھبەتتىن بۇرۇن، باچېلېت زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، لى كېچياڭنى قارشى ئالدى.