باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن قائىدە-تۈزۈملەر يولغا قويۇلىدۇ

2015.06.01 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن قائىدە-تۈزۈملەر 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇ تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلانىغا قارىغاندا، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىزدىكى قىسمەن كىيىم كېچەك، ئاياغ، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، قەغەز زاكا قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت تاموژنا باج نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %50 دىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

  دورا باھاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ئېلىمىز كۆپلىگەن دورىلارنىڭ ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ دورا سېتىۋېلىش مېخانىزمىمۇ ماس قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ 20 يىلدىن بۇيان دورا باھاسىنى باشقۇرۇشنى تۇنجى قېتىم دادىللىق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھۆججىتى ۋە تەدبىرى بولۇپ، بازار يېتەكچى قىلىنغان دورا باھاسى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە باسقان ماھىيەتلىك قەدىمى.

  ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى ئىشلار ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتنى باشقۇرۇش چارىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا يولغا قويغان جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا سېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى مەبلەغنىڭ يېڭى مەبلەغ سېلىش ساھەسىگە كىرىشىگە ئۇل ھازىرلايدۇ.

  دۆلەت قاتلىمىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەردىن باشقا 6-ئايدا يەنە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر تۈركۈم يەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلەر كۈچكە ئىگە بولۇشقا باشلاپ، شەھەرلەردىكى جاھىل كېسەللەرنى داۋالاشنى ھەل قىلىش تەپەككۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تارىختىكى ئەڭ ئېغىر نىزام دەپ تەرىپلەنگەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش نىزامى 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈزىگەن تاماكا تىزگىنلەش رامكا ئەھدىنامىسىغا ئەڭ ئۇيغۇن بولغان يەرلىك قانۇن نىزام ئىكەن.

  شاڭخەي شەھىرى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قانۇنغا خىلاپ بالىخانا سېلىش، ئۆي بېزىگەندە ئېغىرلىق چۈشىدىغان تامنى چېقىۋېتىش، ئۆيىنى ئۆزى خالىغىنىچە بولۇپ ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ھادىسىلەرگە زەربە بېرىدۇ. تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال تۇرمۇش تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ بەش تۈرلۈك قىلمىش ئاممىۋى ئىشەنچ ئۇچۇر سەھنىسىگە كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ئوخشاش بولمىغان ماھىيەتكە ئاساسەن، ئىناۋەتلىك گۇۋاھلىق تارماقلىرى90 كۈندىن 5 يىلغىچە بولغان ئىناۋەتنى تەكشۈرۈش مۆھلىتى تەسىس قىلىپ، باشتىن ئاخىر ئۆزگەرتمىگەن قىلمىشلارنى ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر