- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۈتۈن شەھەردە تاماكا تىزگىنلەندى: بېيجىڭ 1 – ئىيۇندىن باشلاپ« ئەڭ قاتتىق تاماكا چەكلەش بۇيرۇقى»نى يولغا قويىدۇ
2015.06.01 12:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:« تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تاماكا چەكلەش بۇيرۇقى» دەپ ئاتالغان« بېيجىڭ شەھەرلىك تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش نىزامى» 1 - ئىيۇن يولغا قويۇلىدۇ. نىزامدا جامائەت سورۇنى، خىزمەت سورۇنلىرىدىكى ئۆي ئىچى رايونى ۋە جامائەت قاتناش قوراللىرى ئىچىدە تاماكا چېكىشكە يول قويۇلمايدۇ دەپ بەلگىلەندى. بالىلار باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغدىلىدىغان ئورۇن، تەنتەربىيە مەيدانى، بالىلار دوختۇرخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆي سىرتىدىكى رايونلاردىمۇ تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر