باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى » ئاسمان كارىدورى مېۋىگە كىردى

2015.06.02 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە تورىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، گىلاس، گۈل، ھەسەل قاتارلىق سوغۇق، يېڭى، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بارغانسېرى كۆپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە كىردى.

  ھازىر دەل گىلاس يىغىم پەسلى، تاجىكىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك گىلاسلىرى يېقىنقى ھەپتىدە ئايروپىلان ئارقىلىق شىنجاڭغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خادىمى خۇتىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گىلاس ساقلاش تەس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىقلا توشۇغىلى بولىدىكەن . بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە،پەيشەنبە كۈنلىرى تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى 6 توننا ئەتراپىدا توشۇش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن . بۇلا ئەمەس، تاجىكىستاندا ئىشلەنگەن ھەسەل،شىنجاڭدا ئىشلەنگەن گۈللەرمۇ « ھاۋا يولى » ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرگە توشۇلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگونىڭ يۈننەن ياكى گۈيجۇدىن گۈل ئىمپورت قىلاتتى، توشۇشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلار كۆپ بولغانلىقتىن، ئاز دېگەندە ئىككى - ئۈچ كۈندە يېتىپ كېلەلەيتتى، شۇڭا گۈللەر بەك ئاسان سولۇشۇپ قالاتتى . ھازىر شىنجاڭنىڭ يەرلىك پارنىكلىرىدا ئۆستۈرۈلگەن گۈللەر ئۈرۈمچىدىن بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار ئارقىلىق توشۇلىدۇ، پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت ئىككى سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭدا ئادەم كۈچى تېجىلىپلا قالماستىن، ماددىي كۈچمۇ تېجىلىپ قالىدۇ، يەنە گۈللەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى » نىڭ يادرولۇق مەركىزى بولغان شىنجاڭدا غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ھاۋا يولى تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، جەمئىي 184 ھاۋا يولى ئېچىلدى، 15 دۆلەت، 25 خەلقئارا شەھەر ۋە ( رايون ) شەھەرنى قاپلىدى، ئۈرۈمچىمۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە قاتنايدىغان ھاۋا يولى ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن، ئەڭ قولاي شەھەر بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر