باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن فىرانسىيە دۆلەتلىك گۇيمىت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيى ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

2015.06.02 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-ماي چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەركىزى بىلەن فىرانسىيە دۆلەتلىك گۇيمىت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيى بېيجىڭدا ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كۆرگەزمە، ئۇچۇر ئالاقىسى، ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى .

  فىرانسىيە دۆلەتلىك گۇيمىت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيى - فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر مۇزىيخانىلىرىنىڭ بىرى، 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە . بۇلتۇر 10 - ئايدا،جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، جۇڭگو دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىلەن فىرانسىيە دۆلەتلىك گۇيمىت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان « خەن سۇلالىسى مەنزىرىسى - - جۇڭگو خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئۆز-ئارا مەدەنىيەت يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئۇ جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى تارىخىدىكى كاتتا مەرىكە بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر