باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئارمىيەسى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتى قاتناشقان 25 يىلدا ئىقتىدارى ۋە ساپاسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

2015.06.02 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1990 - يىلدىن باشلاپ، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپە رايونىغا ھەربىي كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋاقتى 25 يىل بولدى. 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئارمىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، 5 دائىمىي ئەزا دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئەسكەر چىقارغان دۆلەت بولۇپ، توققۇز نەپەر تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرى قۇربان بولدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئارمىيەسى دوست قوشۇنلاردىن ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، بۇندىن 25 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، ئىقتىدارى ۋە ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى . جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ پەيدىنپەي ئۈسۈشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،تىل توسالغۇسى تەدرىجىي يوقالدى . تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتى - ئۇرۇش تەييارلىقى شارائىتىدا قانات ياندۇرۇلىدىغان ھەربىي ھەرىكەت، تەبىئىي شارائىت ناچار، ھەر ۋاقىت قوراللىق توقۇنۇش ۋە ھەر خىل خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ . بۇ خىل مۇھىتتا جۇڭگو ئارمىيەسى يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، پۈتۈنلەي ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىپى بويىچە ئۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتى باشقا دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ، مۇستەقىل مۇداپىئەدە تۇرىدۇ، چوڭىنى دېسەك ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇقلايدۇ، كىچىكىنى دېسەك ئۆزلىرىنىڭ ياتاق-تامىقىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىگە نىسبەتەن بىر سىناق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر