خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام ياقۇپ خەۋىرى، فۇتۇسى: بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىدىن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ سوخۇ يېزا كۆكچول كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەتىرتىدىكى كادىرلار بىلەن كۆچول كەنىت پارتىيە ياچېكىسى -1»ئىيۇن« خەلقئارا بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 30-ماي كۈنى كۆكچول كەنتىدىكى بالىلارغا ‹‹قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى مەدەنىيەت پائالىيىتى›› باش تىما قىلىنغان بايراملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بەردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە كەنىتتىكى 30 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرى ۋە ئاتا-ئانىلار قاتناشتى. پائالىيەتتە بالىلار ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان تۈرلۈك قىزىقارلىق تەن-تەربىيە پائالىيەتلىرى، ئالما ئۇسۇلى مۇسابىقىسى، ئىنقىلاۋى ناخشىلارنى ئېيتىش، تۈرلۈك مەدەنىي مەشخۇلاتلا ئېلىپ بېرىلدى، ھەمدە پائالىيەتكە قاتناشقان ئۆسمۈرلەرگە 5000 يۈەن قىممىتىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش بۇيۇملىرى ۋە ئويۇنچۇق تارقىتىپ بېرىلدى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى