خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستانلىق دامىندرا سىنگى گەرچە ماگېستىرلىق ئۇنۋانى بولسىمۇ لېكىن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققاندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەش يولى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولمىدى. سېنگىنىڭ بويى 2.47مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيا رېكورتىدىكى ئەڭ ئېگىز ئادەمدىن پەقەت 6سانتىمېتىر پاكار بولۇپ، «گېگانت ئادەم» دەپ ئاتالدى. «خىزمەت ئىزدىگەندە يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا قارشى تەرەپ دائىم مەندىن <بويىڭىز بۇنداق ئېگىز، قانداق نورمال خىزمەت قىلالايسىز؟>دەپ سورايدۇ» دېدى ئۇ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى