باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىى تەپتىش مەھكىمىسى سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيەلىك قوغداشنى كۈچەيتمەكچى

2015.05.28 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 27- ماي تېلېگراممىسى. جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇۋاقنى يەرگە ئېتىش ۋەقەسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن «26- سىنتەبىر» ئوقۇغۇچىلار چېپىش ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى..... بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەلىرى جەمئىيەت كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا «تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيەلىك قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك تەدبىر»نى ئېلان قىلدى.

  ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى 27- ماي ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شياۋ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن بويىچە تېز قولغا ئالدى، ئەيىپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، قانۇن ياردىمى بېرىش، ئەدلىيەلىك ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تىرىشىپ ياردەم بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر