باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جېجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەقىقىي كۈچ چىقىرىپ ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2015.05.28 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي رايون ئورگىنىدا جېجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە شتات تۇەن ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي جېجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەقىقىي كۈچ چىقىرىش، روھىي جەھەتتىن ئادەم تەربىيەلەش، ئەسكەرلەرنى چېنىقتۇرۇپ جەڭگە تەييارلىق قىلىش، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ قىسىم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك. شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00لەردە جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون ئورگىنىغا كېلىپ، جېجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە شتات تۇەن ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتكە ۋاكالىتەن جېجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ئاخىرىدا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جېجياڭدا ئۇزاق يىل خىزمەت قىلىپ، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-قول شۇجىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىم، دائىم قىسىمغا بېرىپ يوقلاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەملەشتىم، شۇڭا جېجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجۇ 27-ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي جېجياڭدىكى قىسىمنىڭ رەھبەرلىرى، كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ھەقىقىي كۈچ چىقىرىش، روھىيەتنى تاۋلاپ ئادەم يېتىلدۈرۈش، ئەسكەر چېنىقتۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئىستىلنى ياخشىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر