خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ 33- قېتىملىق، قەشقەر شەھىرىنىڭ 34- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىپ، قەشقەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايۇنى قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەرنى غەربىي دىياردىكى مەرۋايت شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ تەشكىللەپ يولغا قويۇشى بىلەن، قەشقەر شەھىرىنىڭ 2015- يىللىق «دەۋر مېلودىيىسى- شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 27- ماي چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە رەسمىي باشلاندى ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن چاسا كوچا باشقارمىسىدا مۇشائىرە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئاپتونۇم رايۇننىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسى مىلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئەدەبىي ئەسەر ئارقىلىق ئاساسى قاتلامدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت.پائالىيەتكە كۆزگە كۆرۈنگەن پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش يازغۇچى-شائىرلاردىن ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، مىرزاھىد كېرىمى، ئابلەت ئىسمائىل ئوغلان، روزى گۈلباي، ئۆمەر ئوسمان شىپايى، ئابلاجان بوۋاقى، مېھرىگۈل ئابلىز، تۇرسۇنجان مەخەت، ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈكسەك بەدىئىي دىت، شائىرانە ھېسىيات ۋە گۈزەل، ساپ، جانلىق تىل بىلەن يېزىلغان شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك مەركەز قىلىنغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش مەركەز قىلىنغان دەۋىر روھى، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ مۇقەددەسلىكى، دەۋر يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتنىڭ قىممەتلىكلىكى، ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى، بەختىيار زاماندا ھەممىمىزنىڭ ھالال قان-تەر تۆكۈپ، ئەۋلادلارغا تۆھپە يارىتىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساس تۇرغۇزۇپ، ئۆزىمىزنى ئىلىم-پەن بىلەن كۈچەيتىپ ۋە نامايەن قىلىپ، چەكلىك ھاياتىمىزنى چەكسىز ئۇلۇغ ئىشلارغا مەردانىلىك بىلەن بېغىشلاپ، روھىمىزنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، ۋەتەن-خەلق، گۈزەل ئەخلاق، بەختىيار تۇرمۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيدىغان، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشقا، ئورتاق تەرەققى قىلىپ گۈللەپ ياشناشقا، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا يىتەكلەيدىغان نادىر شېئىرىي ئەسەرلەردۇر. ئېگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى شېئىرىيەت سەپىرى پائالىيىتى 27 –مايدىن 10- ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى يېزا-بازار، كوچا باشقارما، ئىدارە-ئورۇن، ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرگىچە يەتكۈزۈلدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى