باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خېنەن لۇشەن ئوت كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەل تۆكۈس ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2015.05.28 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 27- ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىىسىدىن ئوقۇشىمىزچە، گوۋۇيۈەن خېنەن پىڭدىڭشەن «25- ماي» زور ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىنىدا 27- ماي خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھىرىدە ئېچىلدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈن خۇاشەن قانۇن بەلگىلىمە بويىچە، ئوت كېتىش سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار، يارىلانغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھىرى لۇشەن ناھىيە «كاڭلېيۈەن» ياشانغانلار بىناسىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 38 كىشى قازا قىلدى، ئالتە كىشى يارىلاندى. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە تېخنىكا گۇرۇپپىسى، باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىدىن تۆت مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە خادىم ئەۋەتتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر