باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەركىن سودا پايدىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-چىلىنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2015.05.26 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن سانتىياگودا چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ باچېلېت لى كېچياڭنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن سانتىياگودا چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ باچېلېتقا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: چىلى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىزچىل جۈرئەتلىك بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ چىلى بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئورتاق يېڭىش، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-چىلى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر