26-ماي چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھەر پىلانى كۆرگەزمىخانىسىغا كېلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىلگىلىدى. شى جىنپىڭ شىخۇ كۆلى ئەتراپىدىكى كۇلۇبلارنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلاۋاتقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمنىڭ مۈلكىدىن پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا پايدىلانسا بولمايدۇ، ناتوغرا ئىستىللار بىلەن جەمئىيەتنى بۇلغاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.