خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ ياقا بازارلىق ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىدىكى ئېھتىياج كىيىم – كېچەك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان بۇ بازاردىكى 55 نەپەر ئىشسىز قىزلارنى ھەر ئايلىقى 2500يۈەندىن 3500 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بېرىش شەرتى بىلەن شىركەتكە ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئىشسىز قىزلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى .
سۈرەتتە : 27- ماي قىز ئىشچىلار ئېھتىياج كىيىم – كېچەك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشلىمەكتە .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى