باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈز شەھەردە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى تەڭشەلدى

2015.05.28 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆي مۈلۈك بازىرى سىياسەت بوشاشتۇرۇلغان مەزگىلگە قەدەم قويدىگەنسۇ ئۆلكىسى 27- ماي ئېلان قىلغان «ئۆي مۈلۈكچىلىكنىڭ سىجىل مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتكۈل ئۆلكە دائىرىسىدە تاۋار ئۆي سېتىۋىلىشقا چەك قويۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇ فۇجيەن ئۆلكىسنىڭ نىڭدې شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىڭ شەھىرىدىن كېيىن، ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆي مۈلۈكچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرىنى ئېلان قىلغان ئۈچىنچى شەھەر.

  كەسپ ئەھلىلىرى مۇنداق دېدى: ئىقتىساد چېكىنىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۆي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش رولى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ، ئۆي مۈلۈكچىلىك بازىرى يېڭى سىياسەتلىرى كەينى كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئۆي مۈلۈكچىلىك سىياسىتى بىلەن بازارنى قۇتقۇزۇش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، بىرىنچى تۈردىكى شەھەرلەردىن سىرت، بارلىق شەھەرلەردە ئۆي سېتىۋىلىشقا چەك قويۇش تەدبىرى بوشاشتۇرۇلدى، ئۆي مۈلۈكچىلىك بازىرى سىياسەت بوشاشتۇرۇلغان مەزگىلگە قەدەم قويدى.

  گەنسۇ ئۆلكىسى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق بىرىنچى تۈردىكى تۆت شەھەر ۋە سەنيا شەھىرىدىن باشقا شەھەرلەردە ئۆي سېتىۋىلىشقا چەك قويۇش بىكار قىلىندى. جامائەت تۇرالغۇ فوندى جەھەتتە، 2015- يىلىدىن ھازىرغىچە يۈزدىن ئارتۇق شەھەر جامائەت تۇرالغۇ فوندى قەرزى سىياسىتىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بوشاشتۇردى، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق شەھەر جامائەت تۇرالغۇ فوندى قەرز سوممىسىنى كۆپەيتتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر