- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2014- يىللىق ئوخشىمىغان ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى ئېلان قىلدى
2015.05.28 16:02 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 27- ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27- ماي ئېلان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، تەكشۈرۈلگەن بارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 49 مىڭ 969 يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا قاتلام ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بارلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ 2.20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا قاتلام ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ 109 مىڭ 760 يۈەن، كەسپىي تېخنىكا خادىملارنىڭ 66 مىڭ 74 يۈەن، ئىش بېجىرىش خادىمى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ 47 مىڭ 483 يۈەن، سودا، مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ 40 مىڭ 669 يۈەن، ئىشلەپچىقىرىش، تىرانسىپورت ئۈسكۈنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ 42 مىڭ 914 يۈەن بولغان. سودا، مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، بارلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %81 ئىگىلىگەن. ئىش ئورنى ئوتتۇرىچە مائاشى ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن پەرقى 2.7 ھەسسە بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر