خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۋېتسارىيە فېدېراتسىيە ئەدلىيە ئىدارىسى 27-ماي سيۇرىخدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان 6 نەپەر ۋەكىل شۇ كۈنى ئەتىگەندە چىرىكلەشكەن دېگەن گۇمان بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قولغا ئېلىنغان 6 كىشى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىكەن، تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەردە دېيىلىشچە بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بار ئىكەن، ئومۇمىي پارا ئالغان سوممىسى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى