باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دورا-تىبابەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ يۈ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى

2015.05.28 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تورى»دىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىشى بىلەن، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دورا-تىبابەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ يۈ (نازىر دەرىجىلىك)نى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يېقىندا قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان. دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان. ئاشكارىلىغان خەۋەرگە قارىغاندا، ۋاڭ يۈ ئىلگىرى پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قايتىپ، داۋالاشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، باشقارما باشلىقى، مەھكىمە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، 2005-يىلدىن باشلاپ داۋالاشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 2013-يىلى بىرلەشتۈرۈلۈپ دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بولغان، ۋاڭ يۈ دورا-تىبابەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ يۈ يەنە ئۇزاق يىل جۇڭگو مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، دورا-تىبابەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بولسا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش تېخنىكىسىنى قوللىنىش، داۋالاش سۈپىتى، داۋالاش بىخەتەرلىكى، داۋالاش مۇلازىمىتى، قان ئېلىش-تەمىنلەش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، ئۆلچەملىرىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، داۋالاش خادىملىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۆلچىمى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنى پۈتۈن كەسىپ بويىچە باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىش، دوختۇرخانىلارنىڭ دورا، كلىنىكىلىق لابوراتورىيەسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرىنىڭ كلىنىكىلىق تەجرىبىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش، پۈتۈن مەملىكەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى نازارەت قىلىپ يېتەكلەش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، نەتىجىسىنى باھالاش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى بېكىتىش.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ بۇ يىل 5-مارت چىقارغان كومىتېتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانا خادىملىرىنى تەڭشەش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا جاڭ زوڭجيۇ ھازىر دورا، داۋالاشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر