خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يىقىندا، توردا « سۈت مەھسۇلاتىنىڭ تەركىبىدە بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بار، ھەم ئاق قان كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈكىن» دېگەن تارقالىشى بىلەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بۇ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالمايدىغان بولدى. ئۇنداقتا، بۇ سۈت مەھسۇلاتى ھەقىقەتەن كېسەل پەيدا قىلامدۇ ؟
يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ ئىككى خەۋەر ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە تارقالماقتا، بىر پارچە خەۋەردە بازاردا سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شۇاڭۋەيۋەي قېتىقى، ۋاڭزەي سۈتى، ۋاخاخا AD كالتسىي سۈتى قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتى ئىچىملىكىدە بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بار ئىكەن، بۇ سەۋەبلىك ھازىر ئاق قان كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بالا بارغانسېرى كۆپەيمەكتە دېگەن خەۋەر تارقىلىپ، نۇرغۇن ئاتا – ئانىلارنى ساراسىمىگە سالدى.
مۇخبىر خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى ۋە شىڭتەي شەھىرىدىكى مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى. ئالاقىدار مەسئۇللار بىردەك مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆرسەتمىلىك ئۇچۇر ۋە ئۇقتۇرۇشنى ئەزەلدىن ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ مەنبەسى ئېنىق ئەمەس خەۋەرنىڭ چىنلىقى ئىسپاتلانمىغان.
ئۇنداقتا ، بۇ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى دېگەن زادى نېمە؟ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى ئاق قان كېسەلنى ئېلىپ كىلەمدۇ؟ شىجياجۇاڭ شەھەرلىك 1 - دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى ليۇ مىڭ ئېنىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بىر خىل ئوكسىگېن كەمچىل مۇھىتتا ئۆسۈدىغان باكتېرىيە، ئاق قان كېسەللىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى ئۇنىۋېرسال ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەسىلەن تۇرمۇش مۇھىتى، ئىرسىيەت، بەزى رادىئوئاكتىپ ماددىلار بىلەن ئۇچۇرىشىش، سۈت مەھسۇلاتى ئىچىملىكىنى ئىچىپ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ دىگەن گەپكە ئىشەنمەسلىك كىرەك.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى