باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىدە ئۈچ مەكتەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2015.05.28 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ: 27-ماي، ئونسۇ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 9 يىللىق تۈزۈمدىكى 5-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق ئۈچ مەكتەپ 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز قىسىمىدا «مىللەتلەر ئۆز-ئارا قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەي» دىگەن تېمىدا بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۈچ مەكتەپتىن كەلگەن 300 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىبۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى . ئۈچ مەكتەپ ئۆز-ئارا بايراق ۋە خاتىرىلەش بۇيۇمى سوۋغا قىلىش، ئۇيۇن ئويناش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق مەكتەپلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتتى ھەمدە كۆپچىلىككە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى قوغداشتا «ئۆزىدىن باشلاش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاش » لازىملىقى ھەققىدە تەربىيە بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر