باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالە بۇلتۇرقىدىن 3 مىليون 570 مىڭ كىشى ئازايدى

2015.05.27 21:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2014 – يىلى ئېلىمىزنىڭ سەككىز ئاز سانلىق مىللەت ئۆلكە – ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ سانى 22 مىليون 50 مىڭ بولۇپ، سەككىز ئۆلكىدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ %14.7ىنى، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ %31.4ىنى ئىگىلەيدىكەن.

  سەككىز ئاز سانلىق مىللەت ئۆلكە – ئاپتونوم رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايون ۋە گۈيجۇ، يۈننەن، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلىمىزدىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى 74 مىڭ يېزا ئاھالىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، دۆلەتنىڭ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2300 يۈەن بولۇپ، يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2014 – يىلى سەككىز ئاز سانلىق مىللەت ئۆلكە – ئاپتونوم رايونىدا 22 مىليون 50 مىڭ نامرات ئاھالە بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 3 مىليون 370 مىڭ نامرات ئاھالە ئازىيىپ، نامراتلارنى ئازايتىش نىسبىتى %13.9 كە يەتكەن، مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىسبىتى %14.9 بولغان.

  تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، سەككىز ئاز سانلىق مىللەت ئۆلكە – ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالە يېزا ئاھالىسىنىڭ %14.7ىنى، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ %31.4 ىنى ئىگىلىگەن. 2014 – يىلى نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتىدىن قارىغاندا، سەككىز ئۆلكە – ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 7.5 پوئېنت ئۆرلىگەن؛ سەككىز ئۆلكە – ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ مەملىكەتتىكى نامرات نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى (%31.4)، يېزا نوپۇسىنىڭ مەملىكەت نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى (تەخمىنەن %17 )نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلىق كۆلىمى چوڭ بولۇپلا قالماي، يەنە يۆلەش – ئېچىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇچ كېلىۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدىكى ‹‹قاتتىق ئۆتكەل›› بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر