باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭ ئۆلكىسى ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتتى

2015.05.27 21:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ‹‹جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەپتىش قىلىش نىزامى›› نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى ھەم ئىقتىسادىي تەپتىش بويىچە تۈزەش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش جەريانىدا بايقالغان چوڭ – چوڭ دېلولارنىڭ يىپ ئۇچىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا دوكلات قىلىشتىن ئىبارەت ‹‹قوش دوكلات قىلىش››، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىندى.

  ‹‹نىزام›› دا مۇنداق بەلگىلەندى: ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مەمۇرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مەمۇرى قانۇن بويىچە شۇ دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش – نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسى ۋە تۈزەش ئەھۋالىنى مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش، نەتىجە – ئۈنۈم باشقۇرۇش، باھالاش، مۇكاپاتلاش – جازالاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىسپاتى قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر