شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2015-يىللىق «1-ئىيۇن» غۇنچىلار سوۋغىسى سەنئەت كېچىلىكى 25-ماي شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا سۈرەتكە ئېلىندى.
بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كۆلىمى يىللاردىكىگە قارىغاندا چوڭ بولۇپ، ئۈرۈمچى، كورلا، قومۇل، غۇلجا، گۇما قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن تولۇقسىز، باشلانغۇچ ۋە يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەتەننى، يۇرتنى، پەن-تېخنىكىنى سۆيۈش، بىلىم ئىگىلەش، مۇھىت ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەش تېما قىلىنغان «چىن تۆمۈر باتۇر»، «نان ۋە كائىنات»، «رەڭلىك تەبىئەت»، «پۇتبول ناخشىسى»، «دوستلۇق مېھرى ئۈزۈلمىسۇن»، «بايرام شادلىقى» قاتارلىق مەزمۇنى مول، شەكلى ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى قاتناشتۇرۇلدى.
كېچىلىكتە يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-، 10-، 5–باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى لەنگەر كەنتىدىكى كىچىك دوستلارغا 3000 پارچە كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇقۇشۇمچە، بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكنى شىنجاڭ «دانىشمەن» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئۈرۈمچى، كورلا، غۇلجا، قەشقەر، گۇما ۋە قومۇلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئويۇنچۇق، 300 مىڭ يۈەن نەق پۇل كارتىسى تارقىتىپ بەردى. نەق پۇل كارتىسىغا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ناھىيە، شەھەرلەردىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن ئويۇنچۇق ئېلىۋالسا بولىدىكەن. بۇ سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2 – قانىلىدا 1-ئىيۇن كۆرسىتىلىدىكەن.