باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭ ئۆلكىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 50 مىليون يۈەن ئاجراتتى

2015.05.27 21:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەندۇڭ ئۆلكىسىنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئۆلكىسىدىن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى كۈچلۈك ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى يېقىندا ئۆلكە دەرىجىلىك تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش مەخسۇس مەبلىغىدىن 50 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئۆلكە بويىچە ‹‹يېمەكلىكلىرى بىخەتەر شەندۇڭ قۇرۇش، ماركا يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش›› ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئىشەنچلىك ماركا يارىتىشىنى قوللىغان.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى مەبلەغنى يىل بېشىدىلا چۈشۈرۈپ بېرىش، يىل ئاخىرىدا تەكشۈرۈپ راسچوت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جىنەن، يەنتەي، ۋېيفاڭ، ۋېيخەي قاتارلىق رايونلاردا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى بويىچە يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى (رايونى) قۇرۇش، مەكتەپ ئاشخانىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇش، يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى قۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بۇلارنى ئاساسلىقى يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىپ، يېمەكلىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر