قومۇل شەھىرى غەربىي ئۆستەڭ رايونى مەھەللە ئىش بارشقارمىسىنىڭ غەربىي كۆكتاتچىلىق بېغى كەنتى 24-ماي تەۋەلىكتىكى بېقىۋېلىنغان ھەر مىللەت بالىلارنى يىغىپ «تەبىئەت قوينىغا كىرىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمۈش» تېمىسىدىكى «1-ئىيۇن»نى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بالىلار «ئارقان تارتىشىش»، «مايمۇننىڭ شاپتۇل يېيىشى»، «پاقىنىڭ سەكرىشىنى دوراش»، «قوزا تۇتۇش»، «چۈجىنىڭ قۇرت يېيىشى» قاتارلىق قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ، «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.