باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى ھۆكۈمەت سىرتىدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىللىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2015.05.26 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈ جېڭشېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى ھۆكۈمەت سىرتىدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىللىق يىغىنى 25-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى ھۆكۈمەت سىرتىدىكىلەر مۇنبىرى تۇنجى قېتىملىق يىللىق يىغىنىنىڭ رەئىسى چېن يۈەنزەي يىغىنغا قاتناشتى ۋە شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزىنى ئوقۇدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە «ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى ئېچىلغان 23 يىلدىن بۇيان، ئىشەنچ تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ سۆھبەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە بوشاشماي تىرىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇھىم مېخانىزمغا ئايلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر