باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن(4)

2015.05.28 10:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



-ياتاقنى ئېتىۋېتىپ قالارمىكىن،-مەن نىيىتىمنى يوشۇرۇپ پەس ئاۋازدا ئېيتتىم.
-ۋاي قورقما ئاداش، ياتىقىڭنى ئېتىۋەتكىچە سېنى مەكتىپىڭگە ئەكەپ قويىمىز،-ئاينىسا دەرھال گېپىمگە جاۋاب بەردى.
-قورقماڭ، ئىسمىڭىزنى بەرنا دېدىغۇ-ھە؟-دېدى ئاينىسانىڭ يىگىتى مەمەت دەرھال،-بەرنا قاراڭ، بىزمۇ ئۇنداق يامان بالىلاردىن ئەمەس. سىز خاتىرجەم بولۇڭ، ياتىقىڭىزنى ئېتىۋېتىشكە ئاز قالغاندا سىزنى ماشىنا بىلەنلا مەكتىپىڭىزگە يەتكۈزۈپ قويىمىز.
-يۈرە بولدى تارتىشماي،-دېدى ئاينىسامۇ،-بىزمۇ ئەتە يولغا چىقىپ كېتىمىز. ئۆزۈڭمۇ مەكتەپتە تازا زېرىكىپ قالغانسەن ھاقاچان. بۈگۈن تازا بىر ئوينىۋالايلى.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مېنى تارتتى. ئۈنسىز ئۇلار بىلەن مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم. بىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ناھايىتى ياسىداق بىر دېسكوخانىغا باردۇق. بىز بارغىنىمىزدا دېسكو تازا ئەۋجىگە چىققانىكەن. بىر ئورۇننى تېپىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن بالىلار قىزىل ھاراق بىلەن پىۋا ھەم ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كەلتۈردى. ئاينىسا بۇلتۇر بىزنىڭ ياتاقتا قونغاندا مېنىڭ ياتاقداشلىرىم بىلەن قىزىل ھاراق ئىچكىنىمنى كۆرگەنىدى. بۈگۈن ئىچمەيمەن دېسەم ئۇ زادىلا ئۇنىماي بۇلارنى ئىچمەي تۇرۇپ ئوينىغان ئويۇننىڭ نېمە پەيزى دېگىنىچە ساقىيلىقنى ئۆزى قىلىپلا قىزىل ھاراق بىلەن پېۋىنى ئارىلاشتۇرۇپ قۇيۇپ ئىستاكاننى ئالدىمغا قويدى. بىز بىردەم پاراڭلاشقاچ ئازراقتىن ئىچىشكەندىن كېيىن دېسكوغا قوپۇپ كەتتۇق.
ئۇ كۈنى ئويۇنىمىز بەك قىزىپ كەتكەنىدى. مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىردەمدىلا خۇددى كونا تونۇشلاردەك ئىچىكىشىپ كەتتىم. ئىچىملىكنى سەل ئارتۇق ئىچىۋالدىممۇ ياكى ئويۇنغا بەك بېرىلىپ كەتتىممۇ، ئەيتاۋۇر ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قاپتىمەن. بىر چاغدا سائىتىمگە قارىسام ئاللىقاچان ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىت بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن مەن ئاينىسانى كېتىشكە ئالدىراتتىم. ئاينىسا مەمەتنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىغاندىن كېيىن، مەمەت بىلەن ئىسلام ھېساباتنى قىلىپ كېلەيلى دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ خېلىدىن كېيىن ئۆز-ئارا كۇسۇرلاشقىنىچە قايتىپ كېلىشتى.
-يۈرۈڭ بولدى، ۋەدىمىز بويىچە سىزنى ئاپىرىۋېتەيلى،-دېدى ئىسلام يېنىغا كېلىپ يېقىنچىلىق بىلەن،-كېيىنكى قېتىم سىزنى ئىزدەپ كەلگەندە بىزنى يەنە يامان بالىلاركەن دەپ چىققىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالماڭ يەنە.
بىز ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەكتەپكە كەلگىنىمىزدە ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ھەقىقەتەن ئېتىۋالغانىكەن. ياتاققا قارايدىغان خوتۇننى ئويغاتساملا ئىسمىمنى خاتىرىلىۋېلىپ ئەتىسىلا فاكۇلتېت مۇدىرىمىزغا تاپشۇرۇپ بېرەتتى. بۇلارنى ئويلاپ جېنىم چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. تازا جىلە بولۇپ قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا ئاينىسا مېنى چەتكە تارتتى.
-يۈرە بولدى ئاداش، مېنىڭ ياتىقىمغا كېتەيلى. مەمەت بىلەن ئىسلام ئۆزىنىڭ ياتىقىدا ياتسۇن، ئىككىمىز بىزنىڭ ياتاقتا يېتىپ ئەتە ئەتىگەن دەرسىڭ باشلانغىچە ئۇلار سېنى ماشىنىدا ئەكەپ قويمىسۇنمۇ. ھازىر كىرسەڭ ئۇلار سېنى خاتىرىلەپ ئەتە تەنقىدلەيدۇ شۇ. بولدى يۈرە، ئەتە ئەتىگەندە قايتىپ كەلسەڭ ھېچكىم ئۇقماي قالىدۇ.
-شۇنداق قىلىڭ،-دېدى ئىسلاممۇ ماڭا كۆيۈنگەندەك بولۇپ،- دوستىڭىزنىڭ ياتىقىدا يېتىپ قالسىڭىز سىزگە ھېچ گەپ يوق. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ياتىقىدا يېتىپ ئەتە ئەتىگەندە سىزنى ئەكىلىپ قويىمىز.
مەن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم. شۇنداق قىلسام بولارمۇ يا، دەپ ئويلاتتىم ئىچىمدە. شۇنداق قىلسامغۇ ئەتىكى بىرمۇنچە ئاھانەتتىن قۇتۇلۇپ قالاتتىم. لېكىن نېمىشقىدۇر كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بۇنىڭغا زادىلا تارتمايۋاتاتتى. مېنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى مەمەت سېزىپ قالدىمۇ، دەرھال كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردى.
-بەرنا، قاراڭ بىز يامان بالىلاردىن بولغان بولساق سىزنى ئاشۇ دېسكوخانىدىلا قويۇپ بەرمىگەن بولاتتۇق. ۋاقىتقا دىققەت قىلماي سىزنى ۋاقتىدا ياتىقىڭىزغا ئەكىلىپ قويالمىغان گۇناھ بىزدە. بولدى، ئەمدى ياتاقنىمۇ ئېتىۋېتىپتۇ، بولغىلىق بولدى. بىزگە ئىشەنسىڭىز ئاينىسا بىلەن بىرگە يېتىپ قېلىڭ. خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنى ھەرگىز ئاۋارە قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاينىسامۇ سىزگە ھەمراھ بولىدۇ.
ئاخىرى ئۇلارنىڭ گېپىگە قايىل بولۇپ ئاينىسانىڭ ياتىقىغا يېنىپ كەلدىم. مەمەتلەر بىلەن ئاينىسانىڭ ياتىقى قوشنا ئىكەن. بىز ياتاققا يېتىپ كېلىپ بالىلار ھايال بولمايلا ياتاققا سىرتتىن يەيدىغان يېمەكلىك ۋە ھاراقلارنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.
-بەرنا خاتا چۈشەنمەڭ،-دېدى مەمەت ياتاققا كىرگەندىن كېيىن سىرتتىن ئەكىرگەن بىر نېمىلەرنى شىرە ئۈستىگە تىزىۋېتىپ،-تەقدىر بىزنى يەنە بىرگە قىلىپ قويدى. ھازىر كىرىپ ياتساقمۇ بەرىبىر ئويقىمىز كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىلەرنىڭ مۇشۇ ياتاقتا بىردەم مۇزىكا ئاڭلىغاچ پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشىقىمىزنى چىقارمايلىمۇ. سىلەر زېرىكىپ ئۇخلايدىغان چېغىڭلاردا بىز چىقىپ كېتەيلى. سىزمۇ بۈگۈنكى ئويۇننىڭ ئاخىرىدا كۆڭلىڭىزگە چۈشكەن ئارامسىزلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالارسىز.
-كارامەت ئەقىللىق جۇمۇ سەن جېنىم،-دېدى ئاينىسا بىردىنلا ئۇنىڭ گەپلىرىنى قۇۋۋەتلەپ،-مانا مۇشۇنداق يەرلىرىڭنى دەيمەندە سېنىڭ. قانداق بەرنا، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمىزدە بۈگۈن. كۈندە كېلەتتۇقمۇ بۇ شەگە.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىسلام ماڭا قاراپ مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى. مەن ھېچقانداق قارشىلىقسىز گەپ قىلماي جىممىدە ئولتۇرۇۋالدىم. ئاينىسا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزلىرى ئالغاچ كەلگەن ئۈنئالغۇنى بوش ئاۋازدا قويۇۋەتتى. بالىلار ئۆزلىرىگە ئاق ھاراق، بىزگە پىۋا بىلەن قىزىل ھاراق ئالغاچ كىرگەن ئىكەن. ئاينىسا ئىككىمىزگە، مەمەت ئوغۇللارغا ھاراق قۇيدى.
بىلمەيمەن، پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ ھېلىقى ياتىقىمغا كىرەلمىگەن كۆڭۈلسىز ئىشلىرىم بىردەمدىلا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. بىز بىردەمدىلا بايىقى دېسكوخانىدىكىدەك قىزغىن كەيپىياتقا چۆمۈپ كەتتۇق. پارىڭىمىز، چاقچىقىمىز تازا ئەۋجىگە چىقتى. ئاينىسا چاقچاق قىلىپ ئىسلام ئىككىمىزنى بىر-بىرىمىزگە چاپلاپلا قويدى. مەنمۇ بۇ قىزىقچىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن. ھەممىسى شۇ ئاينىسا دېگەن پاسكىنىنىڭ قىلىقى. ھازىرغىچە شۇنى ئويلىسام تەنلىرىم شۈركىنىپ، ئاينىسانى تىرىك يۇتۇپ ئۇستىخانلىرىنى پۈركۈۋەتكۈم كېلىدۇ. سورۇنىمىز تازا قىزىپ ئەۋجىگە چىققاندا ئاينىسا تۇيۇقسىزلا: «ئەكىلىڭلار شۇ ھاراقنى مەنمۇ ئىچىپ باقاي، ئاچچىق دەپ تۇرۇپ ئىچىپ سىلەرنى شۇنداق ھۆركۈرۈتىۋېتىدىغان ئۇ زادى قانداق نەرسىكەن؟» دېگىنىچە مەمەت ئىچىمەن دەپ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ھاراق رومكىسىنى قولىغا ئېلىۋالدى. مەمەت ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى ئىچىشكە زورلاشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئىسلاممۇ قىزىقچىلىق قىلىپ قوشۇلدى. بايىدىن بېرى ئىچكەن ئىچىملەر بېشىمغا چىقتىمۇ، مەنمۇ تازا ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇلارغا بولۇشۇپ ئاينىسانى ھاراقنى ئىچىشكە زورلاپ قىزىقچىلىق قىلىشقا باشلاپتىمەن.
-ئىچە ئاينىسا، قورقما، سەن ئىچسەڭ مەنمۇ ئىچمەن. بۇلارنى تازا بىر مات قىلايلى بۈگۈن.
بۇ گەپ قانداق ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ سورۇننى تېخىمۇ ئاۋۇتقىلى تۇردى. زورلا-زورلا ئاينىسا ھاراقنى گۈپلا قىلىپ ئىچىۋەتتى.
ئەتىسى بېشىم ناھايىتى ئېغىر، ئاران تەستە كۆزۈمنى ئاچتىم. پۈتۈن بەدىنىمنى بىرسى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىيتتى. ئاخشام قىزىقچىلىقتا ئاينىسادىن كېيىن بالىلارنىڭ زورى بىلەن مېنىڭمۇ ھاراق ئىچكىنىم ئېسىمدە غۇۋا تۇراتتى. لېكىن قانچىلىك ھاراق ئىچتۇق، قاچان يېتىپ قالدۇق، بۇنى زادىلا ئەسلىيەلمىدىم. شۇ چاغدا بىرسى يېنىمدا مىدىرلاپ كەتتى. دەسلەپ ئاينىسامىكىن دەپتىمەن. كېيىن قارىسام مەن بىلەن بىر يوتقاندا ياتقىنى ئىسلام ئىكەن. جالاقلاپ تىترەپ چىرقىراپ كەتتىم. قارىسام ئۇچامدىكى كىيىملىرىممۇ يوق، ئۇنىڭ يېنىدا قىپيالىڭاچ ياتقانىكەنمەن. يوتقاننى قايرىپ تۇرۇپ كەتتىم. ئاپئاق يوتقان كىرلىكىدە قېتىپ قالغان شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدىكى قانلارغا كۆزۈم چۈشتى. چېرقىراپ تۇرغىنىمنى ئاڭلاپ ئىسلاممۇ كۆزىنى ئاچتى.
-نېمە بولدىڭىز بەرنا؟
ئۇ گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك مەندىن سورىدى. بىردىنلا تەلۋىلىكىم تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئېسىلدىم.
-چوشقا! ھاراملىق، ئاخشام نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ!
قاتتىق ئېسەدەپ ئۇنى تاتىلاشقا، مورلاشقا باشلىدىم. ئۇ يۇلقۇنۇپ ئورنىدىن تۇردى-دە، كاچىتىمغا بىرنى سالدى.
-ساراڭ بولدۇڭمۇ، ئاخشام ھەممىگە ئۆزۈڭ قوشۇلغان تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ھازازۇللۇق قىلىسەن!
كەينىمگە سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدىم. قولۇمغا روباشكام ئۇرۇلدى. ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ روباشكامنى كىيىۋالدىم-دە، ئاغزىمغا كەلگەن پۈتۈن يامان تىللار بىلەن ئىسلامنى تىللاپ، يەردە يېتىپ يىغلاشقا باشلىدىم. بىر چاغدا ئاينىسا بىلەن مەمەت ياتىقىمىزغا كىرىپتۇ. بولغىلىق بولۇپ بولغانىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ مېنى بەزلەپ، ئىسلامنى تىللىغىنى بىلەنمۇ ھېچ ئىش ئورنىغا كەلمەيتتى. شۇ كۈنى مەكتەپكىمۇ بارماي بىر كۈن ياتاقتا ياستۇقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ چىقتىم. قاراڭ، ھازىرمۇ بۇلارنى ئويلىسام يۈرىكىم كۆيىدۇ. ئۆزۈمنىڭ دۆتلۈكۈمگە، ئويۇنغا بېرىلىپ ئىستىقبالىمنى نابۇت قىلغىنىمغا قاتتىق ئۆكۈنىمەن. قىز بالا دېگەن ئەنە شۇنداق ئاجىز كېلىدىكەنمىز. ئەتىسى ئۇلار ئۈچى ئىچكىرىگە كەتتى. مەنمۇ مەكتەپكە بۇلغانغان گەۋدەمنى كۆتۈرۈپ ئېغىر قەدەملەر بىلەن يېنىپ كەلدىم. ئىسلام كېتىش ئالدىدا چوقۇم مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان چاغدا ئىچكىرىدىن يېنىپ كېلىپ مېنى ئۈرۈمچىدە قالدۇرۇپ قويۇشقا پۇل خەجلەيدىغان ھەم مەن بىلەن توي قىلىدىغانلىق توغرۇلۇق نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى. ئاينىسا، مەمەتلەرمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇپ مېنى بەزلەشتى. بۇنىڭغىمۇ كۆنمەي ئامالىم يوق ئىدى. ئوقۇشنى تاشلاپ قويۇشقا چىدىمايتتىم. بۇ ئىشلارنى ئاشكارىلاپ قويۇپ يۈزۈمنىڭ تۆكۈلىشىنى، ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا، مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم ئالدىدا شەرمەندە بولۇپ يۈرۈشنى تېخىمۇ خالىمايتتىم. ئامالسىز لېۋىمنى چىشلەپ بارلىق دەردىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم.
بۇ ئىشلار بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن ئاينىسا گۇاڭجۇدىن ماڭا خەت يېزىپتۇ. ئۇ خېتىدە ئىسلامنىڭ يېقىندا بىرسى بىلەن جىدەل قىلىپ پىچاق يەپ ئۆلگەنلىكىنى، مەمەتنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرىپ قالغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئۆزۈمنىڭ ھاماقەتلىكىمنى، بىتەلەي شور پىشانە ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ ھارغىچە يىغلىدىم. تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ، ئاخىرى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئېغىر گەۋدەمنى كۆتۈرۈپ يۇرتۇمغا يېنىپ كەلدىم. مانا بۇ ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئۈچ يىل بولاي دېدى، ھەر قېتىم شۇ قاباھەتلىك ئىشلارنى ئويلىساملا ھېچنېمىگە قارىماي ئۆلۈۋالغۇملا كېلىدۇ.
بەرنا بىردىنلا جىمىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئاي يورۇقىدا لېۋىنى چىشلەپ ئېسەدەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. راستىنى ئيېتسام ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كاللام قۇپقۇرۇقلا بولۇپ نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلەلمەي قالغانىدىم. گويا بۇ ئورمانلىقتا ھېچكىم يوقتەك، ھەتتا بىزمۇ بۇ يەرگە ئەسلا كېلىپ باقمىغاندەك، بىزنى ئۆز قوينىغا ئالغان سۈكۈت بۇ ئورمانلىقتا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان جىمجىتلىقنىڭ قوينىغا سىڭىپ كەتتى. بىز خېلى ۋاقىتقىچە شۇنداق بىر-بىرىمىزگە گەپ قىلالماي ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدۇق. بىز چاغدا بەرنا تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇردى.
-قاراڭ، مەن سىزگە دەيدىغاننىڭ ھەممىسىنى دەپ بولدۇم. مېنىڭ ئىشلىرىمدىنمۇ سىز پۈتۈنلەي خەۋەردار بولدىڭىز. ئەمدى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ، مېنى ئەمدى ئىزدىمەيمەن دېسىڭىزمۇ مەيلى، مەن سىزگە ئېسىلىۋالمايمەن. بىلىمەن، تەقدىرىم شۇنداق كاج، يامىنى كەلسە بىر ئۆمۈر ئەرسىز ئۆتەرمەن شۇ.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا كەينىگىمۇ قارىماي مېڭىپ كەتتى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدىم.
-توختاڭ، بەرنا. سىزنى ئاپىرىپ قوياي.
ئۇ ئۈندىمىدى. مەنمۇ گەپ قىلماي ئۇنىڭ يېنىدا ماڭدىم. بىز تولىمۇ تەستە ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق.
-مەن كېرىپ كېتەي،-دېدى ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن بېشىنى يەردىن ئالماي.
-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزنى ئىزدەيمەن،-دېدىم ئۇنىڭغا.
شۇ كۈنى بەرنالارنىڭ ئۆيى بىلەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارىلىقىنىڭ شۇنچە يىراق بولغىنىغا قارىماي چېگىش كاللامدا توختىماي پېرقىراۋاتقان ئەسەبىي خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۆيگە قانداق قىلىپ پىيادە يېنىپ كەلگىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. كېچىچە خىيال قىلىپ چىقتىم. ئاخىرى ئالدانغان بۇ بىتەلەي بەرنانىڭ مىجەزىنىڭ ياخشىلىقىنى، يەنە ئىككىمىز ئارىلىشىش جەريانىدا ماڭا قالدۇرغان ياخشى تەسىرلىرىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش قاارىغا كەلدىم. توي قىلساق ئۇ چوقۇم مېنىڭ پەزىلىتىمگە بولسىمۇ رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ماڭا قاتتىق سادىق خوتۇن بولىدۇ، دەيمەنغۇ ئاخىر. دېمىسىمۇ ئىپپەت دېگەن قانچىلىك نېمىتى. بىر قېتىملىق مۇناسىۋەت بىلەن تۈگەيدىغان نەرسىغۇ ئۇ.
ئەتىسى ئىشتىن قايتاردا ئۇنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
-سىزنى كەلمەسمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم.
-مېنى شۇنداق ئىرادىسىز چاغلاپ قالدىڭىزمۇ؟
-سىز راستىنلا مېنى كەچۈرۈۋەتتىڭىزمۇ؟
-سىزنىڭ ئاشۇ ياخشى مىجەزىڭىزنى ئويلاپ، يەنە تېخى سىزنىڭ ماڭا بولغان ساپ مۇھەببىتىڭىز مېنى قايىل قىلدى. ئەمدى سىز ماڭا مەڭگۈ ئىلگىرىكىدەك سادىق بولسىڭىزلا كېيىنكى ئۆمرىمىزنى بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەن تەييار.
-كىم سىزگە سادىق بولمايمەن دەپتۇ.
ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ ۋىللىدە قىزاردى. كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئاللىقانداقتۇر بىر خىل زىددىيەتلەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئوماق قىزىرىشى قەلبىمنى يەنە لەرزىگە سالدى. بىز گەپ قىلىشماي باغچىغا كىرىپ كەتتۇق.
كەچ، مەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم. بىز ئەمدى ئىلگىرىكى ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ يېپ-يېڭىلا ئادەم بولۇپ قالغانىدۇق. ئىشىكى ئالدىدا ئۇ ئۆيگە كىرگۈسى كەلمەي تۇرۇپ قالدى.
-بويۇمدا قالسا قانداق قىلىمىز؟
ئۇ ئەركىلەپ بوينۇمغا ئېسىلىپ شۇنداق دېدى.
-بويۇڭدا قالغىچە تويىمىزنى قىلىۋالمامدۇق،-مەن ئۇنى باغچىدىلا سەنلەشكە باشلىغانىدىم،-ئەتە ئاپام بىلەن ئۆيگە ئەلچى كىرگۈزۈشكە مەسلىھەتلىشىمەن.
ئۇ ماڭا قىيمىغان ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەنمۇ ئۆيگە قايتىپ كەتتىم.
ئەتىسى ئاپام بىلەن تويۇم توغرۇلۇق پاراڭلاشتىم. ئادەتتە ئاپام بىلەن بۇ توغرىدا سۆزلىشىۋېرەتتىم. ئاپام مېنىڭ توي قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئالەمچى خۇش بولۇپ كەتتى. ئۆزىگە كېلىن بولىدىغان قىزنى سورىدى. مەن بەرنانىڭ ئەھۋالىنى، ئائىلىسىنى تەپسىلىي قىلىپ ئاپامغا ئېيتىپ بەردىم. ئاپام دادام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەلچىنىڭ ئىشىنى بېكىتىدىغان بولدى. ئىككىنچى كۈنى ئاپام ماڭا ئەلچىنى بىر ئايدىن كېيىن ئەۋەتىشكە كېلىشكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ئازىراق توينىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋالمىسا تويدا سەل ئالدىراپ قالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مەن بۇ خەۋەرنى شۇ كۈنىلا بەرناغا يەتكۈزدۈم. ئۇ ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى. بىر ھەپتە ئۆزىمىزنى بىلمەيلا يۈردۇق. تويغا كىملەرنى ئېيتىدىغانلىقىمىزنى، قايسى رېستۇراندا قىز-يىگىت ئولتۇرۇشىنى بەرسەك مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى مەسلىھەتلەشتۇق. لېكىن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىشلار باشقىچە بولۇپ قالدى. راستىنى ئېيتسام ئۇنىڭ شەخسىي ئىشى بەكلا كۆپىيىپ كەتتى. ئىشتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئىدارىسىگە بارىمەن. لېكىن نېمىشقىدۇر ئۆيىگىلا ئالدىرايدۇ. سەۋەبىنى سورىسام :«تويدىن ئاۋۋال بەك سىرتتا يۈرۈپ كەتسەك تازا ياخشى بولماس» دەيدۇ. ئويلاپ باقسام گەپلىرى ئورۇنلۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز ئەلچىلەر كىرىپ توي كۈنى بېكىتىلگىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىلا كۆرۈشۈشكە كېلىشتۇق. بۇنىڭغا بەكلا تەستە كۆندۈم. بىز تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدىلا شېكەر شەنبىنى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق ئەمەسمۇ.
شۇ كۈندىن كېيىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەچتە ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا تېلېفون بەرگىم كېلىپ قالدى. مېھمانخانا ئۆيدىكى تېلېفوندا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ئەپسىز بولغاچقا ھوجرامغا تارماق لىنىيە قىلىپ تارتىۋالغان تېلېفوندا ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون ئۇردۇم. تېلېفوننى ئۇنىڭ ئاپىسى ئالدى.
-ۋەي، ياخشىمۇسىز، بەرنا بارمىدۇ؟
-بەرنا تېخى قايتىپ كەلمىدى.
بەرنانىڭ ئاپىسى دېگەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھودۇقۇپ كەتتىم. راستىنى ئېيتسام مەن ئۇنىڭ ئۆيدە بولماسلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدىم.
-بىر يەرگە بارىمەن دېگەنمىدى؟-ئاخىرى يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ شۇنداق سورىدىم.
-بىر دوستۇمنىڭ تويىغا بارىمەن دېگەندەك قىلىۋېدى، سىز كىم بولىسىز؟
-مەن ئالىي مەكتەپتە بەرنا بىلەن بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشى،-شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. كاللامغا ھەرقىسما خىياللار كىرىۋالدى. ئادەتتە ئۇنىڭ بىرەر دوستىنىڭ تويى بولۇپ قالسا مەن خەۋەر تاپماي قالمايتتىم. بۇ قېتىمقىنى نېمىشقا ئۇ ماڭا ئېيتمىدىكىنە؟ كېچىدە ئاران تەستە ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى ئەتىگەن ئىشقا بېرىپلا ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇردۇم.
-سىزنى يەنە ئاۋارە بولۇپ كەتمىسۇن دەپ خەۋەر قىلمىغانىدىم.
تېلېفوندىن ئۇنىڭ سۈزۈك ئاۋازى ئاڭلاندى.
-شۇنداق بولسىمۇ ماڭا خەۋەر قىلىپ قويساڭ بولمامدۇ. قايتارىڭدا سېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويمايتتىممۇ!-مەن سەل قاتتىق تەگدىم.
-تويدىن بىللە قايتىدىغان مەھەللىدىكى قىزلار بار ئىدى. شۇڭا خەۋەر قىلمىغان، بولدى خاپا بولماڭە.
مەن ھارغىچە كايىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئۇ شەنبە كۈنى كۆرۈشكەندە ماڭا ئۆزىنىڭ ئامالسىز شۇنداق قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولدى.
ئۇ ئېيتقان شەنبىمۇ كەلدى. كۆرۈشمىگىنىمىزگە بىر ھەپتە بولۇپ كەتكەچكىمۇ، ئالدىراپلا بەرنا ئىككىمىز كۆرۈشمەكچى بولغان مەيدانغا بېرىپ ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم. سائىتىمگە قارىسام كېلىشىپ قويغان ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن كېلىۋالغان ئىكەنمەن. ساقلاشقا باشلىدىم. ئادەتتە ئۇ ۋاقىتقا بەكلا رىئايە قىلاتتى. ۋاقىت توشتى، ئۇ كەلمىدى. بەلكىم يولدا ھايال بولۇپ قالغاندۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپمۇ ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرەلمىدىم. بۇنىڭ بىلەن تىت-تىت بولغىنىمچە ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدىم. تېلېفوننى دادىسى ئالدى. ئۇ ئۆيدە يوق ئىكەن. بۇلارنى ئاڭلاپ كاللام ئېلىشىپ قاپاق بولايلا دېدى. ئۇ نەگە كەتكەندۇ، بۈگۈن كۆرۈشىدىغىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ-يە؟ ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون ئۇرۇۋېرىشنىڭ ئورنى بولمىسا تېخى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر