باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن(3)

2015.05.28 10:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


بىز بىر ئاز دېمىمىزنى ئالغاچ ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇردۇق. لېكىن بىر ئازدىن كېيىن بەرنا ئورنىدا ئولتۇرالمايلا قالدى. ئۇ بەللىرىنى تولغاپ ئورنىدىلا دېسكو باشلىۋەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم. ئۇماڭا يۈرىڭە چۈشەيلى دەپ شەرەت قىلدى. مېنىڭ ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ بىر ئاز دېمىمىزنى ئېلىۋالايلى، دېگەن گېپىم بىلەن ئۇ ماقۇل بولۇپ ماڭا تېخىمۇ يېقىن كېلىپ چاپلىشىپ ئولتۇردى.
توۋا دەيمەن، نەلەردە يۈرۈپ ئۆگىنىۋالغاندۇ بۇ. بىز دېسكوغا قوپۇپلا ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران قالدىم. مەن ئۇنى دېسكوغا بۇنچىلىك ئۇستا دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئۇ ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇپ، پىلتىڭلاپ سەكرەپ ئويناۋاتاتتى. مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭدا، ئەس-خىيالىم ئۇنىڭ ئوينىشىدا. ئۇنىڭ بەللىرىنى تولغاشلىرى، قوللىرىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىشىلىرى، گاھىدا تېخى شوخلۇق قىلىپ قوللىرىنى يۈزۈمگە تەككۈزۈپ ئەركىلەتكەندەك قىلىقلارنى قىلىشى خۇددى بۇ جەھەتتە مەخسۇس تەربىيە كۆرگەندەك ياكى بولمىسا ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇنىڭلا ئەھلى بولۇپ يۈرگەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ چەت ئەل فىلىملىرىدىكى دېسكوچىلاردىنمۇ قېلىشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ دېسكونى ئانچە ئوينىيالمايدىغىنىم ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ ئالدىدا چانغىلى تۇردى. لېكىن ئۇ بۇنى چاندۇرماي مېنى يېتەكلەپ، ئەتراپىمدا سايەمدەك ئايلىناتتى. بىز ھېرىپ دەم ئالغىلى ئورنىمىزغا قايتقاندا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى ھەيرانلىقىنى يوشۇرماي سورىدىم:
-دېسكوغا ھەجەپ ئۇستىكەنسىز، نەلەردە يۈرۈپ ئۆگىنىۋالغانتىڭىز؟
-مەكتەپتە بولمامدۇ، -دېدى ئۇ پەرۋاسىزلا بېشىنى مۈرەمگە قويۇپ،- ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقىنىمدا ياتاقداشلىرىم بىلەن مەكتەپنىڭ تانسىخانىسىغا ئارىلاپ كىرىپ تۇراتتۇق. ساپلا قىزلار بىلەن ئوينىغاچقا ئادەم ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ھەرىكەتلەرنى بەكلا تېز ئۆگىنىپ كېتىدىكەن.
راست، ئالىي مەكتەپتە ئادەم دەرسلا ئۆگەنمەيدۇ، يەنە تېخى مۇشۇنداق ئويۇنلارنىمۇ خېلى ئۆگىنىدىغان گەپ. بۇ ماڭا ئايان. بىزمۇ شۇنداق ئىدۇق ئەمەسمۇ. ھازىرمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ، سىنىپىمىزدىكى بىر قىسىم جەنۇبلۇق بالىلار مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە تانسىدا قىزلارنىڭ قولىنى قانداق تۇتۇشنىمۇ بىلمەيتتى، لېكىن مەكتەپ ھاياتى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئۇلارمۇ خۇددى ھازىرقىدەك تانسىنىڭ پىرلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى. شۇلار كۆز ئالدىمغا كېلىپ ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ بايىقى قەلبىمگە خىرە سايە تاشلىغان گۇمانلار تارقاپ كەتتى. ئۇ كۈنى ئۇ بەكلا خۇش بولدى. دېسكوخانىدىن قايتقىنىمىزدا كۈن خېلىلا كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھېچ ئۆيىگە ئالدىرىمايتتى. قارىغاندا ئۇ ماڭا قىيمايۋاتسا كېرەك. بىز ئۇلارنىڭ مەھەللىسىگە كېلەي دېگەندە ئۇ ماڭا تۇيۇقسىز يولنىڭ بېقىنىدىكى كىچىك بىر دەرەخزارلىقنى كۆرسىتىپ :«بۇ يەرگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرايلى» دېدى. مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن زادىلا ئايرىلغۇم يوق ئىدى. بۇ گەپ ماڭا مايدەكلا ياقتى. بىز ئاستا دەرەخزارلىققا كىرىپ ئولتۇردۇق. كۈن تەڭ كېچە بولۇپ قالغاچقا ئارىلاپ كىرا ماشىنىلىرىنىڭ يولدىن ئۆتكىنى كۆزگە چېلىقىپ قالاتتى. سۈتتەك ئايدىڭدا ناۋادا يولدىن بىرەرسى ئۆتۈپ قالسىمۇ دەرەخلەرنىڭ دالدىسىدا بىزنى كۆرەلمەيتتى. بىز دەرەخزارلىقنىڭ خېلىلا ئىچكىرىسىگە كىرىپ جايلاشقانىدۇق. ئۇنى بىر دېمەيسەن. ئىككىلىمىز دەرەخزارلىققا كىرىپ خېلى ئۇزۇنغىچە بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ زادىلا گەپ قىلالماي قالدۇق. كېيىن بىردىنلا گەپ-سۆزسىزلا بىر-بىرىمىزگە ئېسىلىپ يۇمشاق چۆپلەر ئۈستىدە پومىداقلىشىپ كەتتۇق. ئۇ ئاستىمدا قاتتىق ھاسىرايتتى. مەنمۇ ھاياجاندىن پۈتۈن بەدەنلىرىم تىترەپ، ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغانىدىم. بىز خېلى ئۇزۇن سۆيۈشتۇق.
-بىز توي قىلايلى بەرنا،-دېدىم مەن لەۋلىرىمىز قاتتىق ھاياجاندىن تالغاندىن كېيىن ئۇنى يەنە چىڭ قۇچاقلاپ،-بىز مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزگە قانماي تەڭ كېچىگىچە بولۇپ، يەنە ئىككى باشقا ئايرىلىپ يۈرسەك ئۆزىمىزنى بەكلا قىيناپ قويىدىكەنمىز.
-توي قىلامدۇق؟-ئۇ تۇيۇقسىزلا بۇلاقتەك ئاھۇ كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ مەندىن بۇ سوئالنى ياندۇرۇپ سورىدى-دە، ئاستا شىۋىرلىدى،-مەنمۇ بۈگۈن سىز بىلەن مۇشۇ ھەقتە سۆزلىشەي دەپ ئويلىغانىدىم.
ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى تۈگىتىپلا توساتتىن بوينۇمغا گىرە سالغان قوللىرىنى تارتىپ ئالدىدى-دە، ئۆزىنى ئوڭشاپ مەن بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرۇپ بىردىنلا جىمىپ كەتتى.
-نېمە بولدىڭىز بەرنا؟-دېدىم مەن دەرھال ئۇنىڭ بۇ بىنورمال قىلىقىدىن سەل ئەنسىرەپ،- سىزنى خاپا قىلىپ قويدۇممۇ يا؟
ئۇ ئۈندىمىدى. پەقەت باشتا ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرغان، ئەمما دۇمۇلاشقاندا چۆپلەر ئارىسىغا كىرىپ قالغان قولياغلىقىنى قولىغا ئېلىپ پۈرلەپ ئالقانلىرىنى يۆگەشكە باشلىدى. دەرھال ئۇنىڭ نېمىدۇر بىرنېمىدىن كۆڭلىنىڭ قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئايغا ئۈنسىز تىكىلگەن كۆزلىرىنى ئۆزۈم تەرەپكە بۇراپ يەنە سورىدىم:
-نېمە بولدىڭىز؟ تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قالدىڭىزغۇ، كۆڭلىڭىز توي قىلىشقا تارتمايۋاتامدۇ-يا؟
-ھەئە، بولدى ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن،-ئۇ بېشىنى پەسكە ئېگىپ تولىمۇ پەس ئاۋازدا ئېيتتى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا گويا چاقماق چېقىلىپ بېشىمغا چۈشكەندەك زەربە بولدى. ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز چىققان بۇ گەپ بىلەن گاڭگىراپلا قالغانىدىم. نېمە دەيدىغاندۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىدىممۇ يا؟ قەيەردە ئۇنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالمىغاندىمەن، ئۇنى نەلەردە رەنجىتكەندىمەن؟ ھېلىقى تانسىخانىدا كايىپ قويغىنىمغا رەنجىپ قالدىمۇ يا؟ تۇيۇقسىز ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى سەزدىم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام ياشىيالمىغۇدەكمەن. بۇ ھاياتنىڭ ماڭا ھېچقانداق كېرىكى قالمىغۇدەك. يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ، بەدىنىمدىن سوغۇق تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى.
-نېمىشقا، نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟ مەن سىزنى ياخشى كۆرۈمەن بەرنا،- ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ سىلكىشكە باشلىدىم. ئۇ بەكمۇ جانسىز ئىدى. ئاخىرى يەنە جانسىز ئاۋازدا ئېيتتى:
-قاراڭ، مەن ئويلاپ باقتىم. سىز راستىنلا مېنى ياخشى كۆرۈسىز، مەنمۇ شۇنداق. لېكىن مەن ئاخىرىدا ئىككىمىزنىڭ بەختسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمەن. مېنىڭ ئۇنداق كۈنلەرنى كۆرگۈم يوق. سىز بىلەن توي قىلىپ ئاجراشقاندىن ئۆلگىنىم ياخشى.
ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم. مەن ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرۈدىغان تۇرسام، توي قىلىپ يەنە نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشقۇدەكمەن.
-نېمىلەرنى دەيسىز بەرنا،-دېدىم مەن ئاخىرى بۇ بۇرۇقتۇرمىلىققا چىدىيالماي،-مەندىن زادى نېمە گۇناھ ئۆتتى؟
-گۇناھ سىزدە ئەمەس مەندە،-دېدى ئۇ بىردىنلا مەندىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ،-سىزنىڭ شۇنداق ياخشىلىقىڭىزغا قاراپ سىزنى ئالدىغىم كەلمىدى. سىز پاك مۇھەببەتكە بەكلا سادىقكەنسىز. مەن سىزگە راست گەپنى ئېيتاي، مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق پاك قىز ئەمەس.
-نېمىلەرنى دەۋاتىسىز بەرنا!؟
-مەن قىز ئەمەس!
ئۇ بىرىدنلا ئۆزىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز ئاسمان پېرقىراپ، يەر چۆرگىلەۋاتقاندەك بېشىم زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى. ئۇ نېمە دەيدىغاندۇ؟ شۇنداق ياخشى، پەزىلەتلىك قىز-ھە! ياق، ئۇ مېنى سىناۋاتىدۇ. مېنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك دەرىجىدە سادىقلىقىمنى، ئۆزىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بىلمەكچى. كاللامغا دەرھال شۇ خىياللار كەلدى. ناۋادا ئۇ راستىنلا قىز ئەمەس بولۇپ قالسىچۇ؟ كەينىدىنلا بۇ سوئال كاللامنى ئېلىشتۇرغىلى تۇردى.مەن ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىگە زادىلا ئىشەنمەيتتىم.
-ياق ئىشەنمەيمەن،-مەن ئۇنى ئۆزۈمگە تارتتىم.
-راست دەۋاتىمەن،-دېدى ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ،-شۇڭا ئايرىلىپ كېتەيلى.
تۇيۇقسىز بېشىمدىن تەر پۇرقىراپ چىقىپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم قانچىلىك ياخشى كۆرۈدىغىنىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلىنىپ بولغان ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام بولمىغۇدەك.
-مەيلى،-دېدىم مەن ئۇنى بىردىنلا تېخىمۇ قاتتىق باغرىمغا بېسىپ،- مەن سىزنى ياخشى كۆرۈمەن بەرنا. بولدى ئۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى.
بۇ سۆزلەرنىڭ شۇ ئارىلىقتا قانداق ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھازىر ئويلىساممۇ ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ. لېكىن مەن شۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا دەۋېتىپمۇ يەنىلا ئۇنى مېنى سىناۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئۇ بېشىنى باغرىمغا يېقىپ تېخىمۇ قاتتىق ئېسەدەشكە باشلىدى.
-مۇشۇ كەمگىچە سىزدەك ياخشى بالىنى كۆرمىگەنكەنمەن، مېنىڭمۇ سىزدىن ئايرىلغۇم يوق.
خېلىدىن كېيىن ئۇ يىغىدىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇۋېلىپ بۇ گەپلەرنى ئارانلا قىلدى. كاللامدا پېرقىراپ يۈرگەن زىددىيەتلىك توقۇنۇشلار ئىچىدە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم. ئۇنى قۇچاقلىمايمۇ كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. ئۇ مېنىڭ قەلبىمگە ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مۆھۈر قىلىپ ئۆچمەس ھالەتتە چېكىپ بولغانىدى.
-مېنىڭمۇ سىزدىن ئايرىلغۇم يوق.
-راستمۇ، سىز بەك ياخشى جۇمۇ!
توساتتىن ئۇنىڭ ئوتتەك لەۋلىرى لەۋلىرىمگە يېقىلدى. قوللىرى باشلىرىمنى، بويۇنلىرىمنى ھاياجان بىلەن سىلاشقا باشلىدى. نېمە ۋەجىدىندۇر باشتا ئۆزۈمنى كونترول قىلىپ باقماقچى بولغان بولساممۇ ئاخىرى ئۇنى قاتتىق قۇچاقلىدىم. بىز ھاياجان بىلەن قاتتىق سۆيۈشتۇق. پۈتۈن بەدىنىم تىترەيتتى. قوللىرىم ئۇنىڭ تولغان كۆكسىنى، بېلىقتەق سىلىق، شۇ كېچىدىكى ئايدىڭدەك ئاپئاق بەدەنلىرىنى توختىماي ئۇۋىلايتتى. ئۇنىڭمۇ قوللىرى يالىڭاچ بەدەنلىرىمدە سىلىق ئويناشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي مېنىڭ ئىختىيارلىقىمغا تاشلاپ ئېغىر ھاسىراشقا باشلىدى. ئاي بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىزدىن خىجىل بولغاندەك ئۆزىنى ئاستا بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇردى.
بىز ھاياجاندىن پۈتۈنلەي ئەسلىمىزگە كېلىپ ئايغا قاراپ ياتقىنىمدا كاللام بىردىنلا يەنە بايىقىدەك زىددىيەتلىك خىياللار بىلەن پېرقىراشقا باشلىدى. بايىقى ئۇ مېنى سىناۋاتىدۇ، مېنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈدىغىنىمنى بىلمەكچى دەپ ئويلىغان خىياللىرىم ئالدىمدىكى پولاتتەك پاكىت ئالدىدا بەربات بولۇپ، ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتەيمۇ؟ بۇنىڭغا كۆڭلۈمنىڭ يەنىلا بىر يەرلىرى ئۇنىمايتتى. مەن خېلىلا ئۇزۇن تېڭىرقاش بىلەن خۇدۇمنى يوقاتقاندەك ياتاتتىم. بەرنا مېنىڭ كۆڭلۈمدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى سەزدىمۇ، قوللىرىنى بوينۇمغا گىرەلەشتۈرۈپ ئاستا شىۋىرلىدى:
-دېگەنلىرىڭىزگە پۇشايمان قىلىۋاتامسىز، يامان ئۈنىڭىز ئىچىڭىزگە چۈشۈپ كەتتىغۇ؟ راست، مەن سىزگە ئېسىلىۋالمايمەن، بۇ بەختسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈمدىن كۆرۈمەن.
-نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز بەرنا،-دېدىم مەن دەرھال ئۆزۈمنى ئاقلاپ،-مەن دېگەن ئوغۇل بالا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇندىن كېيىن يەنە سىزدەك قىزنى ئۇچرىتالامدىم دەڭا. سىز بۇندىن كېيىن ماڭا ھەقىقىي سادىق بولسىڭىزلا بولدى.
-مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن، سىزنى ياخشى كۆرۈمەن.
ئۇ مېنىڭ لېۋىمگە يېنىك بىرنى سۆيۈپ قويدى. ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ ئاخىرى ئۇنى كەچۈرۈۋېتىش قارارىغا كەلدىم. لېكىن كاللامدا يەنىلا بىر قارا سايە پېرقىراپ يۈرەتتى.
-بەرنا سىز قانداق قىلىپ...
تۇيۇقسىز ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەن سۆزنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالماي قالدىم. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئازابلىق ئەسلىمە ئىدى. لېكىن مەن ئۈچۈن بولسا شۇ تاپتا بىلمىسەم زادىلا بولمايدىغان بىر تۈگۈن ھېسابلىناتتى. ئۇ مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى دەرھال سەزدى بولغاي، بىردىنلا مىچىلداپ يىغلاپ كەتتى.
-مەن سىزنىڭ شۇنداق سورايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. سىز مەيلى قانداق ئويلاڭ، مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن، چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرۈمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بەختىگە ئۆزۈم ئولتۇرغان. سىزگە بۇ گەپلەرنى بۈگۈن دېمىسەم ھامىنى بىر كۈنى دەيمەن. چۈنكى مەن سىزنىڭ ماڭا بولغان چىن قەلبىڭىزنى بىلدىم، مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈدىغان پەزىلەتلىك يىگىت ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندىم.
ئۇ بىردىنلا ياتقان يېرىدىن تۇرۇپ يېنىمدا ئولتۇردى-دە، قولۇمنى چىڭ سىققىنىچە خېلى ئۇزۇن جىمىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گەپ باشلىشىنى كۈتۈپ يېنىدا جىمجىت ياتتىم. بەرنا خېلىدىن كېيىن كۆزىدىكى ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى. [
-ئۇ مېنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈنى سىنىپتا كەچلىك تەكرار قىلىپ ئولتۇرسام، توساتتىن قەشقەرلىك سىنىپ باشلىقىمىز سىرتتىن كىرىپ كەلدى-دە، ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئاينىسا ئىسىملىك سىڭلىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى، بولسا كەچتە سىڭلىسىنى ياتىقىمدا قوندۇرۇپ قېلىشىمنى ئېيتتى. بۇ سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ سىڭلىسى ئالدىنقى يىلىمۇ بىر قېتىم كەلگەنىدى. شۇ چاغدىمۇ مەن كەچتە ئۇنى ياتىقىمدا قوندۇرۇۋالغانىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدۇم-دە، دەرھال سىرتتا قالغان سىڭلىسىنىڭ يېنىغا چىقتىم. سىنىپ باشلىقىمىزمۇ مەن بىلەن بىرگە چىقىپ سىڭلىسى بىلەن مېنى ئۇچراشتۇرۇپ قويۇپ ئۆزى خاتىرجەم ياتىقىغا كىرىپ كەتتى. بۇ چاغدا كۈن تېخى ئۇنچىلىك كەچ بولۇپ كەتمىگەنىدى. ئاينىسا بۇلتۇر مەن بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشكەچكە بىز خېلىلا يېقىن تونۇشلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق. ئۇ ئاكىسىنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ماڭا دېسكوخانىغا بېرىپ ئويناپ كېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۆزۈممۇ دائىم مەكتەپنىڭ يېنىدىكى تانسىخانىلارغا ساۋاقداشلىرىم بىلەن كىرىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭدىن ھېچقانداق يامانلىق ئويلىماي، دەرھال ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدۇم. ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۈرۈمچىگە ئىككى قەشقەرلىك بالا بىللە كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى ئۇنىڭ يۈرۈۋاتقان يىگىتى ئىكەن. ئۇ مېنىڭ قوشۇلغىنىمنى كۆرۈپ دەرھال ئۇلارغا تېلېفون قىلدى. ھايال ئۆتمەيلا بىزدىن يېشى سەل چوڭراق ئىككى بالا مەكتىپىمىزنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
-دوستۇمنى باشلاپ چىقتىم،-دېدى ئاينىسا بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى بويى پاكارراق كەلگىنىگە ئەركىلەپ سۆزلەپ،-ئەمدى بىرەر ياخشىراق تاڭسىخانا تېپىپ ئويناپ كەلمەيلىمۇ. قانداق ئىسلام، سىزمۇ تاق ئەمەس ئەمدى.
ئاينىسا بويى ئېگىزرەك، يۈزىنى ئازىراق دانىخورەك باسقان بالىغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ ھىجايدى. بۇلارنى كۆرۈپ مېنىڭ كۆڭلۈم بىر دەككە- دۈككىچىلىكنى سەزگەندەك ئازراق ئارامسىزلانغان بولساممۇ، لېكىن چاندۇرماي تۇردۇم. راستىنى ئېيتسام ئاينىسانى ئۇنداق يامان قىز كۆرمەيتتىم.
-دوستىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ،-دېدى ئىسلام دەرھال خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى باسالماي،-دوستىڭىزلا قىوشۇلسا نەگە دېسەڭلار شۇ يەرگە ئاپىرىشقا بىز تەييار، قانداق دېدىم مەمەت؟
قارىغاندا مەمەت ئاينىسانىڭ يۈرۈۋاتقان يىگىتىدەك قىلاتتى. ئاينىسامۇ مەمەتنى چىڭ قولتۇقلاپ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدى.
-دوستۇمنى شۇنداق چۈپەي كۆرۈپ قالدىڭلارمۇ قانداق؟ ئۇنىڭدا چاتاق يوق جۇمۇ، قانداق دېدىم بەرنا؟
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر