باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بويىدىكى ئون چوڭ تاموژنا ‹‹تاموژنىدىن ئۆتۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››نى باشلىدى

2015.05.27 21:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بويىدىكى ئون چوڭ تاموژنا باشلىقلىرى يېقىندا چىڭداۋدا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاموژنا ھەمكارلىق كېلىشىمى›› ئىمزالاپ، رايون تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئون چوڭ تاموژنا تەۋەلىكىدىكى تاموژنىغا تىزىمغا ئالدۇرغان 90 مىڭ كارخانىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش تەننەرخىنىڭ %20 تىن %30كىچە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بويىدا چىڭداۋ، جىنەن، جېڭجۇ، تەييۈەن، شىئەن، يىنچۇەن، لەنجۇ، شىنىڭ، ئۈرۈمچى ۋە لاسا قاتارلىق ئون تاموژنا بار بولۇپ، توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدۇ.

  تاموژنىدىن ئۆتۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسىدە، كارخانىلار تېخىمۇ چوڭ مۇستەقىل تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. كارخانىلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەلۇم قىلىش پورتى، تاموژنىدىن ئۆتۈش شەكلى ۋە تەكشۈرۈش ئورنىنى تاللاپ، كارخانىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. چىڭداۋ تاموژنىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىسلاھات ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش تەننەرخىنى %20 تىن %30كىچە تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.

  تاموژنىدىن ئۆتۈش بىر گەۋدىلەشكەندىن كېيىن، رايون ئىچىدىكى كارخانىلار مەيلى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بويىدىكى قايسى تاموژنىدا تىجارەت رەسمىيىتى بېجىرسە ئوخشاش مۇئامىلە ۋە ئۆلچەمدىن بەھرىمەن بولىدۇ. كارخانىلار خالىغان تاموژنىدا تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئەنگە ئالدۇرۇش، تەكشۈرۈپ ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاماملىغان ئالدىن تەكشۈرۈش باھاسى، ئالدىن تۈرگە ئايرىش، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىش جايىنى ئالدىن بېكىتىش قاتارلىق تاموژنا كەسىپلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بېجىرگەن باج پۇلى كېپىللىك خېتى، ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەش كېپىللىكى قاتارلىقلارنى ئون تاموژنىنىڭ ھەممىسىدە ئۆز ئارا ئورتاق ئىشلەتسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر