2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قوماندانلىق قىلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق، لياۋنىڭ ئۆلكىسى چاۋياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ توققۇز ئاي جاپالىق رازۋېدكا قىلىشى بىلەن 175 نەپەر جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان، كېپەن ئوغرىلاش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھاينىغا سېتىش جىنايەت شايكىسىدىن 10 ى بىتچىت قىلىنغان، 168 يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقى قايتۇرۇۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 125 ى بار. مەيلى تۇتۇلغان ئادەم سانى، مەيلى قايتۇرۇۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى جەھەتتىن بولسۇن، بۇ دېلو يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ساننىڭ ئەڭ كۆپلۈكى جەھەتتە رېكورت ياراتقان بولۇپ، ‹‹جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئالاقىدار 1-چوڭ دېلو›› دەپ ئاتالغان.