باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېڭى گۈللىرى قازاقىستان ئالمۇتاغا يېتىپ باردى

2015.05.27 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقندا، بىر توننا شىنجاڭنىڭ يېڭى گۈلى جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى ئارقىلىق قازاقىستان ئالمۇئاتاغا ئىلىپ كېلىندى، بۇ يېڭى گۈللەر ئىچىدىكى كېپىنەكسىمان ئورخىئېدىيە 21-ماي ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك قازاقىستان جۇڭگو تاۋارلىرى يەرمەنكىسىگە ھۆسۈن قوشتى.

  «ئىلگىرى كۇنمىڭدىن توشۇلىدىغان يېڭى گۈللەر كۆپ بولۇپ، 2-3 كۈندە يېتىپ باراتتى. دەپ چۈشەندۈردى جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى، ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كىلىنىپ ئارىلىقتا يۆتكىلىپ توشۇلىدىغان بولغانلىقتىن، يۈننەن گۇيجۇدىكى گۈللەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن 2-3 كۈن، ھەتتا تۆت كۈن كېتىدىغان بولغاچقا، يېڭى گۈللەرنىڭ يېڭى ساقلىنىشىغا تەسىرى بۇلاتتى، بىراق شىنجاڭدىن چىققان يېڭى گۈللەر ئىككى سائەتتىلا ئالمۇئاتاغا بارىدىغان بولدى.

  ئىگىلىنشىچە، لوڭتېڭتيەنيۈنىڭ مورى، سانجى قاتارلىق جايلاردا يېڭى گۈل ئۆستۈرۈش بازىسى بار بولۇپ، قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق ماشىنا بىلەن توشۇلغاندا تەخمىنەن بىر كۈندە مەنزىلگە يېتىپ بارالايتتى.

  جاۋ چىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى گۈللەرنىڭ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىىدا ئاشق – مەشۇقلار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، 8-مارت خانىم قىزلار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بۇ شىركەتنىڭ ئېكىسپورت قىلغان يېڭى گۈلى 2 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولغان (تەخمىنەن 12 مىليۇن 500 مىڭ يۈەن)، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستىمالچىلار ئەتىرگۈل، كۈركۈم گۈلى، كاڭنەيشىن، پىيازگۈل قاتارلىقلارنى بىر قەدەر ياخشى كۆرۈپ سېتىۋالىدۇ.نۆۋەتتە، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئالمۇاتاغا ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيەسى ھەر كۈنى سائەت 21:00دە قوزغىلىپ، تەخمىنەن 23:00تە ئالمۇتاغا يېتىپ بارىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر